ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، مۇشۇ يەردە توختىسۇن
ۋاقتى : 2018-04-05 11:08:31  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  11111.jpg

مېنىڭچە سىزمۇ چوقۇم مۇنداق بىر پەيتنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان:

مەلۇم بىر ئۇيقۇسىز تۈنلەردە، تۇيۇقسىز ئۆتمۈشتىكى ئاشۇ ئادىمىڭىزنىڭ: «ئۇخلىدىڭىزمۇ؟»، دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان...

سەھەر سائەت 2 دە ئۆتمۈشتىكى شۇ ئادىمىڭىزنىڭ دوستلار چەمبرىكىنى يېڭىلاپ: ئاشۇ ئۇ، سىز يەنە ياخشى تۇرۇۋاتامسىز، دېگەنلىكىنى كۆرىدىغان...

ھەتتا ئەمدىلا ئويغانغان مەلۇم سەھەردە ياكى ئەمدى ئۇخلاي دېگەن ئاشۇ كېچىدە، تۇيۇقسىز «قارشى تەرەپ سىز بىلەن دوستلىشىشنى تەلەپ قىلدى قوشۇلامسىز-يوق؟» دېگەن تەلەپنى تاپشۇرۇۋالىدىغان...

بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، سىز دەرھال ئۇنىڭ ماتېرىيالىنى ئېچىپ، بىر پەس خىيالغا چۆكىسىز، يەنىلا شۇ تونۇش باش سۈرەت، يەنىلا شۇ ھەتتا ئۇخلىسىڭىزمۇ چۈشىڭىزدە يادلىيالىغۇدەك تونۇش ئۈندىدار نومۇرى.

گەرچە پەقەت شۇ ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرۇش ياكى دوستلىشىشقا قوشۇلىدىغان ئىش بولسىمۇ بىراق سىز يەنىلا ئۇزاق ئويلىنىسىز.

22222.jpg

ئىلگىرىكى ئەمدى ھەرگىز ئارقامغا قايتمايمەن دېگەن سىز، ئىلگىرىكى باغرى تاش، رەھمسىز بولىمەن، دېگەن سىز، بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە، يەنىلا نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي تەمتىرەپ كېتىسىز.

سىزگە ئۇچۇر يوللىغان بۇ ئادەمنى سىز ئەلۋەتتە ئۇنتالمايسىز، ئۇ شۇ بىر ۋاقىتلاردا سىز بىلەن كېچىچە مۇڭداشقان، سىلەر ئىلگىرى بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ئىدىڭلار، بىراق كېيىن ئۇ ئۆزگەردى، ئاستا-ئاستا سىزدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى.

بىر قېتىملىق مۇھەببەتنىڭ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان تەرىپى بولسا، ئۇ سىزدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندا، ئەمما لېكىن سىز ئۇنى بارغانسېرى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز.

باشتا سۆيىمەن دېگەندە سۆيمەي، ئارقىدىن ئۆلگۈچە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز.

ئەڭ دەسلەپتە سۆيگۈ ئۇچقۇنىنى چاچقىنى سىز ئەمەس، بىراق كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ مۇھەببەتكە بارلىقىڭىزنى ئاتىدىڭىز.

بىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلەر دوست بولالمايدۇ، چۈنكى بىر قانچە قېتىم ئارتۇق قاراپ قويسىمۇ، يەنىلا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ.

33333.jpg

بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش خۇددى بىر جۈپ ئاياغنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشايدۇ. ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ۋاز كېچىش خۇددى ماس كەلمەيدىغان ئاياغنى كىيىگەنگە ئوخشايدۇ.

مېنىڭچە، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، مۇشۇ يەردە توختىسۇن.

مەيلى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قانچىلىك ھېكايە بولسۇن، بىراق ھېچ بولمىسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغىنىڭىز قارشى تەرەپ بولمىسمۇ، تېخىمۇ ياخشى ئۆتەلەيمەن دەپ قارىغىنىڭىزدۇر.

تۈن نىسبىدە ئۆتمۈشتىكى ئادەم بىلەن پاراڭلاشماڭ، مۇھىمى، ئۆتمۈشتىكى شۇ ئادەم بىلەن ئۆتمۈش توغرىسىدا پاراڭلاشماڭ.

يۇيىۋەتكەن ئادىمىڭىزنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەڭ، «خەيىر-خوش» دېگەن ئادىمىڭىز بىلەنمۇ قايتىدىن كۆرۈشۈپ يۈرمەڭ. 

سىزنىڭچە، قاراپ تۇرۇپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان مۇھەببەت بىلەن ۋاقىت يەنە قايتىپ كېلەمدىغاندۇ؟

مەيلى ئىلگىرىكى بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردە بولسۇن، ياكى دەرتمەن كېچىلەردە بولسۇن، مەيلى كۆز ياشلىرىڭىز دەريا-دەريا بولۇپ ئاققان ياكى قاقاقلاپ كۈلگەن ئاشۇ ۋاقىتلىرىڭىز بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە بىللە ماڭالمايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئايرىلىش، يارىشىش تونۇشۇشنىڭ ئۆزىلا ئاسان ئەمەس. جاھاندا ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق.

دۇنيادا تۈرلۈك مۇھەببەت بار، بىراق «قايتىدىن باشلاش» دەيدىغىنى يوق.

كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئەمدى سىزنىڭ مەسىلھەت بېرىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق؛ مەنمۇ ھەم سىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈ پاراللىل سىزىقتەك كېسىشمەي ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

yyyyyyyyy.jpg