ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
كۆڭلىدە سىز بار ئادەم...
ۋاقتى : 2018-03-23 16:51:21  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، ئازراق بىكار بولسىلا، سىزنى نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئۇچۇر يوللاپ ئەھۋالىڭىزنى سوراپ تۇرىدۇ.

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، داۋاملىق سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىزنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتىڭىزنى بىلىشنى خالايدۇ.

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، ئۈندىدارىڭىزنى چوققىلاپ قويىدۇ. بەلكىم سىز بىلەن بولغان پاراڭ خاتىرىسىگە قاراپ، خىيالغا چۆكۈشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ دەل سىزنى سېغىنغان ۋاقتىدۇر.

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، ياش تۆككەن ۋاقتىڭىزدا سىزدىنمۇ بەك بىئارام بولىدۇ. ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. 

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى پاك پاكىز ئۇنتۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت سىزنىڭلا بار ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، جىمغۇر بولۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە نېمە بارلىقىنى بىلىشنى ئويلايدۇ. 

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، ھەر ۋاقىت سىزگە ھەمراھ بولسامكەن، دەپ ئويلايدۇ. سىز ئۇنى داۋاملىق ئىزدەپ تۇرسىڭىز، ھەرگىزمۇ زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ.

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىڭىزنى قەدىرلەيدۇ. 

كۆڭلىدە سىز بار ئادەم، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز ياكى تېلېفونىڭىزنى كۆرگەندە، دەل ۋاقتىدا سىزگە قايتۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشالماي جىددىيلىشىپ، خاتا ئويلاپ قېلىشىڭىزنى خالىمايدۇ.

yyyyyyyyy.jpg