ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
ئادەم جۆيلىگەندە ئەڭ كۆپ دەيدىغان سۆز قايسى؟
ۋاقتى : 2018-03-15 13:14:50  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئۇخلىغاندا جۆيلۈش بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ھادىسە، گەرچە %2 ئادەم بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولسىمۇ، لېكىن %70 ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ خىل ھادىسە كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنى كېسەللىك دەپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئادەم جۆيلىگەندە ئەڭ كۆپ دەيدىغان گېپى قايسى؟ فىرانسىيەدىكى Lebonbon تور بېكىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئادەم جۆيلىگەندە دەيدىغان ئەڭ كۆپ سۆزى «ياق» دېگەن سۆز ئىكەن.

ئەنگلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرستېتى ئۇيقۇ تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئادەملەرنىڭ جۆيلىگەندە دەيدىغان سۆز-جۈملىلىرىگە قارىتا تەكشۈرگەن بولۇپ، قەتئىي ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان گەپلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ئادەمنىڭ جۆيلىگەندە ئەڭ كۆپ دەيدىغان سۆزى «ياق» دىگەن سۆز ئىكەن. تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ئادەم جۆيلىگەندە %21.4 ئەھۋالدا «ياق» دېگەن سۆزنى دەيدىكەن. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ چاغدا كۆرگەن چۈشىنىڭ كۆپ قىسمى بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلىش ياكى رەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىكەن.

1.jpg

تەكشۈرۈشتە يەنە ئېيتىلىشىچە، ئادەم جۆيلىگەندە يەنە بىر كۆپ دەيدىغان سۆزى سەت گەپلەر بولۇپ، %9.7 ئادەم جۆيلىگەندە سەت گەپ قىلىدىكەن.

ئۇيقۇ تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاددىي ھەم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئادەم ئۇخلىغاندا مېڭىسى ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە ياكى ھېسسىيات توقۇنۇشى ئۈستىدە تۇرغاندا ئاسان جۆيلىيدىكەن، شۇڭا بۇنداق چاغدا «ياق» دېگەن گەپنى ۋە سەت گەپلەرنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئەلۋەتتە كۆپ بولىدىكەن.

تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ جۆيلۈش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن.

yyyyyyyyy.jpg