ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
ھەممىلا كۈن ئالاھىدە
ۋاقتى : 2017-10-12 00:48:20  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ھەممىلا كۈن ئالاھىدە

1.jpg

بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن مۇڭدىشىپ قالدىم، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ خۇتۇنى ئۇنى تەنھا قالدۇرۇپ مەڭگۈلۈك سەپەرگە كەتكەنىدى، شۇ چاغدا ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
-خۇتۇنۇمنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى رەتلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق بۇيۇملىرى ئارىسىدىن بىر يىپەك شارپا چىقىپ قالدى. بىز ئۇنى نيۇيوركقا ساياھەتكە بارغاندا بىر ماركىلىق ماللار دۇكىنىدىن سېتىۋالغانىدۇق، ئۇ شۇنچىلىك كۆركەم شارپا ئىدىكى، سۈپىتى ۋە باھاسى پۈتۈلگەن ماركا ھېلىھەم ئۈستىدە تۇرۇپتۇ، چۈنكى خۇتۇنۇم ئۇنى ئارتىشقا قىيالماي، ئالاھىدە بىر كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ كەلگەنىدى...-گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ساۋاقدىشىم سۈكۈتكە چۆمگەن، سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى،-ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭ سۆيگەن نەرسىنى ئالاھىدە بىر كۈندە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويما، چۈنكى سەن ھايات يۈرگەن كۈننىڭ ھەممىسى ئالاھىدە كۈن...
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز يادىمغا كەلسىلا، قولۇمدىكى ئىشىمنى قويۇپ قولۇمغا روماننى ئالاتتىم، لەرزان مۇزىكىغا قويۇلغان ئۈنئالغۇنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتىپ، سافاغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، ئۆزۈمگە خاس ۋاقتىمدا ئوبدان ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تىرىشاتتىم...
بەزىدە تاكى پولغىچە سوزۇلغان دېرىزىلەردىن سۈپسۈزۈك سۇ ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان دەريا، دەريانىڭ ئىككى قېشىدىكى ئورمانغا زەن سالسام، بەزىدە خۇتۇن بالىلىرىمنى ئېلىپ، تامىقى ئەڭ تەملىك ئاشخانىدا غىزالىنىشنىڭ پەيزىنى سۈرەتتىم. دېرىزىدىن باققاندا ئەينەككە قونغان چاڭ-توزان دىققىتىمنى تارتالمىغانغا ئوخشاش، خوتۇنۇمنىڭ پىشىپ قالغان تامىقىنىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ كارىم بولمايدىغان بولغانىدى. شۇنداق، تۇرمۇش ھەرگىزمۇ يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرغان يۈك ئەمەس، سىز قەدىرلەيدىغان ھەر خىل تەجرىبىلىك ئارامبەخىش ھۇزۇرگاھقا ئايلانغاندىلا، روھىي شادلىق ئالەمگە تارايدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مەن دوستۇم بىلەن قىلىشقان بۇ سۆھبەتتتىن بىر ئايال يېقىنىم بىلەن تەڭ بەھرىلەندىم. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئەمەسلىكىنى، ئەڭ كۆركەم خىرۇستال قاچا-قۇچىلىرىنى ئىشكاپتىن چىقىرىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئىلگىرى ئۇلارنى ئالاھىدە بىر كۈنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشكاپتا ساقلىغان ئىدىم، كېيىن بۇ ئالاھىدە كۈننىڭ مەڭگۈ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. شۇنداق قىلىپ «كەلگۈسى»، «ھامان بىر كۈنى» دېگەن سۆزلەر لۇغىتىمدىن ئۆچتى؛ ناۋادا قانداقتۇر خۇشال بولغىلى بولىدىغان ئىش بار، قانداقتۇر چىن قەلبىمدىن ھۇزۇرلىنىدىغان سورۇن بار دېيىلسە، ئۇنداقتا مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان قىلىدىغان، رازى بولارلىق سورۇنغا ھايالشىماي بارىدىغان بولدۇم...
بەرھەق، بىز دائىم كونا بۇرادەرلەر بىلەن جەم بولۇش خىيالىدا بولىمىز-يۇ، لېكىن «پۇرسەت ئىزدەپ» كۈنىمىزنى ئۆتكۈزىمىز؛ بىز ھامان چوڭ بولۇپ قالغان بالىمىزنى باغرىمىزغا بېسىشنى ئويلايمىز، لېكىن ھامان پۇرسەت كۈتۈپ ۋاقتىمىز ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ بىز دائىم ھەمراھىمىزغا بىر پارچە خەت يېزىشنى، خەتتە ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتلىك دوستلۇقىمىزنى ئىپادىلەشنى، ئۇنىڭغا قايىللىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى ئويلايمىز-يۇ، لېكىن ھامان بىر قارارغا كېلەلمەي يۈرىمىز؛ ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى سەھەردە سىز كۆزىڭىزنى ئاچقاندا، چوقۇم ئۆزىمىزگە بۈگۈننىڭ ئالاھىدە كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ...
دانالار مۇنداق دېگەنىدى: «سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ھايات ئۇسسۇلۇڭنى ئوينا، خۇددى يېنىڭدا ئادەم يوقتەك؛ بىرىنى سۆيسەڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭ بىلەن سۆي، خۇددى ئەزەلدىن بىراۋنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەندەك». ئەمما سىزچۇ، سىز يېقىن-يورۇقلىرىڭىز بىلەن قانداق ئۇچرىشىش ۋە قانداق مۇئامىلىلەردە بولۇپ باقتىڭىز!؟

yyyyyyyyy.jpg