ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
ئەرلەر كۆڭلىدىكى بۇ توققۇز مەخپىيەتلىكنى سىزگە ھەرگىز دەپ بەرمەيدۇ
ۋاقتى : 2018-04-09 13:31:29  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

نۇرغۇن ئاياللار ھەمشە ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز دەپ قارايدۇ، لېكىن «مەخپىيەتلىك» دەپ ئاتالغان ئىكەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ خالىغانچە سىزگە دەپ بەرمەيدۇ، بەك سوراپ كەتسىڭىز يالغاندىن بىرەر نەرسە دەپ ئاغزىڭىزغا سوسكا سالىدۇ.

بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەرلەرنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئۈچۈن قالدۇرغان بىر ئورۇن بار، بۇ يەر لىققىدە مەخپىيەتلىك بىلەن تولغان. بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئۇلار مەڭگۈ ئېغىزىدىن چىقارمايدۇ، شۇڭا سورىمىغان ياخشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى 10 مەخپىيەتلىك خۇددى مىناغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان.

1. قىز دوستىنىڭ ئايالى بولۇشى ناتايىن

ئەرلەر مۇھەببەتنى ناھايىتى ئاقىلانە پوزىتسىيەدە تاللايدۇ، گەرچە ئۇلار ھېسسىيات جەھەتتە بىرسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى ئايال بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەندە دەرھال ۋاز كېچىپ باشقا مۇۋاپىق نامزات ئىزدەيدۇ.

شېرىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاياللار داۋاملىق ئوغۇل دوستىنى توي قىلىشقا ئالدىرىتىدۇ، بىراق ئەرلەر ھەمىشە نەچچە يۈز خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئەرنىڭ سىزنى سۆيمەسلىكىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى سىز ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى لاياقەتلىك ئايال ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىز دوست بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئەرلەر مۇھەببەتلىشىش بىلەن توي قىلىشنى ئىككى ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمما ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن تېزراق نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويۇشنى ئويلايدۇ.

2. قابىلىيەتلىك ئەر ۋە ئىقتىدارسىز ئەر  

نۇرغۇن قىزلار كۆرۈشۈشكە چىققاندا بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەسىلەن: قارشى تەرەپ ئەرلەر تەرەپدارى ھەمدە ئىقتىدارسىز بولماسلىقى كىرەك، ئەمەلىيەتتە ئەرلەر تەرەپدارى كۈچلۈك ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ رايىغا بېقىشىنى، ھەر ۋاقىت ئۇنى خاتىرجەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، قابىليەتسىز ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز تەرىپىنى ھېس قىلغاچقا ئىككىلىنىپ ئارىسالدى بولىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەسەتخورلىقى كۈچلۈك، يەنە تېخى كىچىك بالىدەك ئاسان ئالدىغىنى بولىدۇ.

ئادەملەرنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان سورۇن ۋە مۇناسىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ئازادىلىك ئېلىپ كېلىدۇ، ھەم ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، شۇڭا ئېرىڭىزگە چوقۇم ئىشىنىڭ.

3. ئۇ ئىلگىرى سىزنى ئالداپ باققان

ئالدامچىلىقنىڭ ساداقەتسىزلىكنى ئىپادىلىشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ئەرلەر چوقۇم ئاياللارغا ياخشى نىيەتتىكى يالغان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، كۆڭۈللۈك نىكاھ تۇرمۇشىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.

مۇھەببەت تەجرىبىسى بار ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنى ئالداپ تۇرۇش كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، خۇددى: «مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن، مەن مەڭگۈ سىزنى ھازىرقىدەك ئاسرايمەن، ھەر قاچان بىر تېلېفون بىلەنلا يېنىڭىزغا ئۈنىمەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز يەنە بىر ئادەمنى سىزنى سۆيگەندەك سۆيەلمەيمەن» دېگەندەك. بۇنداق سۆزلەرنى چوقۇم دېيىش كېرەك، لېكىن چوقۇم ئەمەل قىلىش تەس، ئامال يوق ئاياللار ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق «يالغان سۆزلىرى» گە ئامراق ئەمەسمۇ!

شۇڭا ئېرىڭىزدىن سىزنى مەڭگۈ ئالدىماسلىقنى تەلەپ قىلماڭ، ئاياللار يالغان سۆزگە ئامراق بولغاچقا ئەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ.

4. ئۇنتۇلغۇسىز ئالدىنقى قىز دوست

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئالدىنقى قىز دوستىنى نۇرغۇن قىزلار ئۆزىگە رەقىب قىلىۋالىدۇ. دەرۋەقە ئەرلەر بۇرۇنقى ئاشىقىغا ئۇچراپ قالسا داۋاملىق جىق ئويلىۋالىدۇ، خۇددى قەلبىنىڭ بۇرجىكىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئورۇن باردەك، ئۇ سۆيگەن قىز ئۇنى مەڭگۈ سۆيىدىغاندەك.

ئاياللار كۆز ئالدىدىكى ئەرنى گۈزەل ھېس قىلسا، ئەرلەر ئۆتۈپ كەتكەن مۇھەببىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ ئويلايدۇ، شۇڭا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا «ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يەنىلا دوست بولۇش» نى قوللايدۇ، مەيلى تاشلىۋەتكەن بولسۇن ياكى تاشلىۋېتىلگەن بولسۇن كۆپىنچە ئەرلەر يەنىلا ئىلگىرىكى قىز دوستى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى خالايدۇ. ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ كونا مۇھەببەتكە بولغان قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئەرلەر شۇ گۈزەل ئۆتمۈشىنى قەلبىدە ساقلايدۇ.

5. مەڭگۈلۈك قانچىلىق ئۇزۇن 

ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە «مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن» دېيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا بۇ «مەڭگۈ» زادى قانچىلىق ئۇزۇن.

ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىكى «كەلگۈسى» ئادەتتە ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولىدۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى بولسا 10 يىلدىن 50 يىلغىچە. ئەر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا پەقەت ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتۈشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئاياللار بولسا مۇھەببەت، نىكاھ ھەتتا بالىغىچە ئويلاپ ئۈلگۈرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىكى «سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن» پەقەت كەلگۈسى يىرىم يىل ياكى بىر يىلنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئەرلەر ئېغىزىدىكى «مەڭگۈ» گە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئۇلار دېگەن «مەڭگۈ» ئەمەلىيەتتە ناھايىتى قىسقا.

6. ئۆزىگە يول قالدۇرۇش 

ئاياللار ھەممە ئىشنى ئاسانلا ئىقرار قىلىدۇ، ئەرلەر دەل ئەكىسچە، ئۇلار مەسىلىگە يولۇققاندا باشقا دوستىنى تېپىپ دەردىنى تۆككەندىمۇ ھەممىنى دەۋەتمەيدۇ، دائىم ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئاياپ بەزى ئىشلانى كۆڭلىدە ساقلايدۇ.

ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئېرىنىڭ بىردىنبىر ئاڭلىغۇچىسى بولۇشنى خالايدۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ ئىزھارى ھەمشە نىقابلانغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلار ھەممە كۆڭۈل سىرىنى بىراقلا تۆكمەيدۇ. بۇمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى چۈشىنەلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئەرلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىشىنى خالىمايدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئۆزىگە بىر يول قالدۇرىدۇ. 

7. ئۈجمە كۆڭۈللۈك ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى

ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى، ئاياللار ئېرىنىڭ ئاشنىسىغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا گۈزەل قىزلار ئەگىپ يۈرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ باشقا ئاياللارنىڭ يۈزسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللىكىدىن. ئون ئەرنىڭ توققۇزى نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىشنى نورمال ھېس قىلىدۇ، ئۇلار خۇددى پادىشاھلاردەك نازىنىنلارنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشىدىن پەخىرلىنىدۇ، ئۈجمە كۆڭۈللۈك ئەرلەر تەبىئىتىگە يوشۇرۇنغان.

8. ياخشى كۆرگەندە يات جىنىسنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ

ئوخشاش زەرەتلەر ئۆزئارا تېپىشىدۇ، قارىمۇ-قارشى زەرەتلەر ئۆزئارا تارتىشىدۇ، ھەر قانداق ئادەم يات جىنىسنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ دىققەت قىلىشىنى خالايدۇ.

ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى يېنىدا بولغىنىدا ئەرلەردە مۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ: كۆپ گەپ قىلىش، ئەقىللىق بولۇۋېلىش، مەرد بولۇش، ياخشى نىيەتلىك بولۇش، يۇمۇرلار بىلەن قارشى تەرەپنى كۈلدۈرۈش.

ئەرلەرنىڭ باشقا يات جىنىس بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى بىلىشتە، پەقەت ئۇنىڭ شۇ كىشى ئالدىدىكى ھالىتىگە قارىسىلا بولىدۇ، كۈچ چىقىرىپ ئەقلىي خۇلاسە قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

9. پىسخىكىلىق كەيپىيات تۆۋەنلەش ھالىتى

ئاياللار ھەر ئايدا فىزىئولوگىيەلىك مەسىلە سەۋەبىدىن پىسخىكىلىق داۋالغۇش پەيدا بولۇپ، پىسخىكا جەھەتتىن كەيپىيات تۆۋەنلەش ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەرلەرمۇ ھەر ئايدا نەچچە كۈن پىسخىكىلىق پەسىيىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەرلەرنىڭمۇ كەيپىيات ۋە جىسمانىي كۈچ جەھەتتە تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدىغان بىر نەچچە كۈنى بار، ئۇلارنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەيدۇ، مۆكۈۋېلىپ كىتاب كۆرىدۇ، مۇزىكا ئاڭلايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدۇ.

بۇ بەلكىم خىزمەت بېسىمى ياكى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئامىللار سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەرنىڭ ھەممە ئىشتا يول قويۇشنى تەلەپ قىلماسلىق كىرەك، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئەرنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن چاغدا تىنچ قويۇش لازىم.

yyyyyyyyy.jpg