ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
سىز باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشكە تىرىشامسىز؟
ۋاقتى : 2018-02-21 12:36:53  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 پىسخىك سىناق:

سىز باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشكە تىرىشامسىز؟

كوچىدا كېتىۋېتىپ ھەم چارچاپ ھەم ئۇسساپ كەتتتىڭىز، بۇنداق چاغدا سىز تۆۋەندىكى قايسى خىل ئىچىملىكنى ئىچكەچ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشنى تاللايسىز؟

001.jpg

A. گازلىق سۇ

 

002.jpg

B. ئەتكەن چاي

 

003.jpg

C. قېتىق

 

 

004.jpg

D. يېشىل چاي

 

006.jpg

E. مېۋە شەربىتى

 

005.jpg

F. مېنىرال سۇ

 


 

جاۋابلار:

 

A: سىزدە رەھبەر بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچ يوق، لېكىن دوستلىرىڭىز ئارىسىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئادەم. سىز ساددا، قۇۋلۇق-شۇملۇقنى بىلمەيسىز، تۇغما قىزغىن ، دائىم شەخسىيەتسىز ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ئويلايسىز. باشقىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدىغان خاراكتېرىڭىز ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلىمىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىرلىقىڭىز بىلەن ئاسانلا دوستلىرىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولالايسىز. بىراق، ئادەم بەزىدە ھىيلىگەرلىكنىمۇ ئۆگىنىپ قويىشى كېرەك، بولمىسا سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا پايدىلىنىپ كەتسە ياخشى بولماي قالىدۇ.

B: سىز شوخ ۋە ئوماق، يۇمۇرىستىك، دوستلىرىڭىزنىڭ نەزەرىدىكى كۆڭۈل ئوزۇقى. باشقىلار سىز بىلەن بىللە بولغاندا تەبىئىي ھالدا ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ، ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدىمۇ بىئارام بولمايسىز. لېكىن سىزنىڭ بۇنداق خاراكتېرىڭىزنى باشقىلار ئىشەنچسىز دەپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا سىزگە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىدىغان دوستلىرىڭىز كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي دوستقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، سىز باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا بىرئاز ئېغىر-بېسىقراق بولۇڭ، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭ، شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىزگە چىن مۇئامىلىدە بولىدۇ.

 

C: سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلايدىغان تەسىر بېرىپ قويىسىز، سىزنى چۈشەنمەيدىغانلار بەلكىم سىزنى كۆزىگە سىغدۇرالمىغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا يېڭى تونۇشقان نۇرغۇن كىشىلەر دەسلەپتە سىزگە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن. بىراق، چىقىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇلار سىزنىڭ ئەسلىدە دوستقا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى ئادەم  ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايدۇ، تاشقى قىياپىتىڭىزنىڭ سوغۇققان بولۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ سۆز قىلىش قابىلىيىتىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى خالاس، شۇڭا سىزنىڭ دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئالاقە داۋامىدا تەرەققىي قىلغان. ئەمەلىيەتتە، سىز ناتونۇش كىشىلەرگە يەنىمۇ كۆپرەك تەبەسسۇم ۋە سەمىمىيەت كۆرسەتسىڭىزلا، ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.


 

 

D:سىز ئىچ مىجەز، ناتونۇشلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا خىجىل بولۇپ، بىئارام بولىسىز. دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇشنى خالىمايسىز، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ياقتۇرمايسىز، شۇڭا دائىملا نەزەردىن ساقىت بولۇپ قالىسىز. تەمكىن بولۇش يامان ئەمەس، لېكىن زىيادە جىمىغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان دوستلىشىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن. بۇخىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز دوستلىرىڭىز كۆپرەك ئۇچرىشىڭ، يىغىلىشلارغا قاتنىشىڭ، خىجىل بولۇپلا يۈرمەڭ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا گەپ قىلىپ بېقىڭ، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

 

E: دوستلىرىڭىزنىڭ نەزەرىدە سىز مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالا، ساددا ۋە ئوماق، ياسالمىلىقتىن خالىي، تەبىئىي ۋە ساپ. مۇشۇنداق بولغاچقا دوستلىرىڭىز سىزگە ئەزەلدىن يول قويۇپ كېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، شۇ ۋەجىدىن سىزدە باشقىلار ئۈچۈن ئويلاشنى بىلمەيدىغان خاراكتېر يېتىلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭلاشقا بەزىلەر سىزنى ھەتتا جاھىل ۋە ئوسال دەپمۇ قالغاندۇر. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەتراپتىكىلەر بولغان مۇناسىۋىتىڭىز خېلىلا ياخشى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سىز بۇنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىنى خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا ھېچكىممۇ سىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەركىلەشلىرىڭىزگە كۆنۈپ بولالمايدۇ.

 

F:سىز پىشقان ھەم ئەقىللىق، باشقىلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭىڭىز كۈچلۈك، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندىكى ھەربىر ئېغىز سۆزنىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئېيتىسىز، شۇڭا بەزىدە باشقىلار سىزنى ئىنتايىن سىرلىق ۋە نەيرەڭۋاز دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، سىز پەقەت ئۆزىنىڭىزنى قوغداشتەك تۇغما قابىلىيىتىڭىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان يامان نىيەتتە بولمىدىڭىز. بىراق، باشقىلار سىزنىڭ ئويىڭىزنى چۈشەنمەي، سىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىمۇ ناھايىتى نورمال. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، زىيادە سالماق بولۇۋالماي، باشقىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ، پاراڭلىشىڭ، ئەركىن-ئازادە بولۇڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg