ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
بۈگۈننىڭ ئۆزى سوغا
ۋاقتى : 2017-10-12 00:53:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20150702073248909.jpg

  ئويلاپ بېقىڭ ،مەلۈم بىر بانكا ھەر كۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزغا 86مىڭ 400دوللار سېلىپ قويدى دەيلۇق ،ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟سىز چوقۇم ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ بۇلۇشنى ئويلايسىز ئەلۋەتتە!
ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بىر بانكا بار ئۇنىڭ ئىسمى- ۋاقىت .
ھەر كۈنى سەھەردە ئۇ سىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزغا 86مىڭ 400سىكونتنى سېلىپ قويىدۇ ،كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدۇ .ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دىسىڭىز ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي پۈتۈنلەي زىيان تارتقان بولىسىز .ئارقىڭىزغا چېكىنىشكە يول يوق ،ھەتتا ئەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە
ئامالىڭىز يوق.سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز،ئۇنداقتا :

بىر يىلنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىزساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ.
بىرئاي نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ.
بىر ھەپتە نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەپتىلىك گېزىت چىقىرىدىغان گېزىتخانىنىڭ تەھرىرىدىن سوراڭ.
بىر سائەتنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمە كچى بولسىڭىز مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ.
بىر مىنۇتنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ.
بىر دەقىقىنىڭ قانچىلىك قىممتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ.
يىغىپ ئېيتقاندا ،ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ ،سىز ئۆزىڭىز بىلەن ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ دەپ قارىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولغاندا ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ.ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.

yyyyyyyyy.jpg