ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەيدىغانلار
ۋاقتى : 2016-02-29 13:01:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەيدىغانلار

 

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دائىم كۆڭۈل ئېچىپ كېلەمدۇق، كۆڭلىڭنى ئېچىپ قۇيايمۇ، كۆڭۈل ئاچقىلى بارىمىز ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلىمىز، كۆڭلۈم بەكمۇ ئېچىلىپ قالدى دېگەندەك، كۆڭۈل ئېچىش توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
بۇ يەردىكى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ مەنا-مەقسىدى مەخسۇس ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا بېرىش ھەم ئۆزلىرى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى تۈزۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەقەت ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى ئارقىلىقلا كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمە بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ھەممەيلەنگە بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىغا بارمىسا ياكى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى تۈزمىسە كۆڭۈل ئاچقىلى بولمامدۇ دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا قۇيۇپ باققانلار قانچىلىكتۇ! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆڭۈل ئەسلىدە ئۇچۇق بولمامدۇ، ياكى يېپىلىپ ۋە ئېتىلىپ قالغان بولامدۇ دېگەندەك سۇئاللارنى ئويلاپ باققانلار بارمىدۇ؟ شۇنداقلا، كۆڭۈلنى ئاچقىلى ئاتايىتەن باشقا يەرگە بېرىش، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئادەمنىڭ ئېچىپ قۇيۇشى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۆز ئورنىدا ھەم ئۆزىلا ئاچالماسلىقى دېگەندەك ئوي-خىياللارغىمۇ كەلمەي قالمايمىز.

 


 


شۇڭا، كۆڭۈل ئېچىش دېگەن مۇشۇ چۈشەنچە توغرىلىق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىدۇم. چۈنكى، بىزنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان چۈشەنچىمىز، ئاساسەن ئويۇن-تاماشا، ئۇسسۇل-تانسا، يەپ-ئىچىش، ھاراق-شاراپ، جىنسى-شەھۋەت قاتارلىق شەكىل-ھەۋەسلەر بىلەن قاندۇرۇلۇشتا نامايەن بولىدىغانلىقى-بولىۋاتقانلىقى ئۈستىدە بولغاچقا، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ئەسلى مەنىسىنى تاپالماي قايمۇقۇپ كەتكەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن ئويلىماي تۇرالمايمىز. شۇنداقلا، ئاشۇنداق ئۇسۇل-شەكىللەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئادىتىنىڭ ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە يېتەكلىنىشنىڭ تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.
چوڭدىن-كىچىككىچە، ئەردىن-ئايالغىچە، شەھەردىن-سەھراغىچە، بايدىن-نامراتقىچە، ئوقۇغۇچىدىن بالىلارغىچە بولغانلار ئارىسىدا كۆڭۈل ئېچىشنى يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئۇسۇل-سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىش ئادىتىنىڭ يۈزلىنىپ كېتىشىنىڭ بىنۇرمال ئىكەنلىكىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز.

چۈنكى، كۆڭۈل ئېچىش ئادەمنىڭ خوشال بولۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ۋاقتى مەنا ھەم قىممەتكە ئىگە بولغاندا خوشاللىق پەيدا بولىدۇ. ئادەم ئىگە بولغان مەنا بىلەن قىممەت باشقىلارنى رازى قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنداقلا، باشقىلاردىن رازى بولغان ئادەم مۇشۇ ۋاقىتتىكى مەنا بىلەن قىممەتنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ئەمما، مەخسۇس ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرى ئارقىلىقلا كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ بېرىپ، بۇ ئورۇنلار ھەقىقى كۆڭۈل ئېچىشقا ماس-مۇۋاپىق كەلمىگەچكە، كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ مەنا ھەم قىممەتتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز بولمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئېچىش جەھەتتە تەربىيەسىز قېلىپ گاڭگىراپ يۈرگەنلەر ئاتالمىش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئارقىلىق، ھەر خىل خۇمار قىلىدىغان زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالىدىغان ھەم پاھىشە-ھەمجىنىسلار بىلەن بىللە بولۇپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى ئويلىغىنىمىزدا، تىنەپ كەتكەن كۆڭۈل ئېچىشنىڭ قانداق ئېچىنىشلىق تەغدىر-ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلماي قالمايدۇ. دېمىسىمۇ، نىيەت توغرا بولمىسا نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش دېگەن كۆڭۈللۈك سورۇنلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمى، ئەھمىيىتى، قىممىتى بولىدىغانلىقى كۆڭۈل ئېچىشنى ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئۆگىتىلىشى، بىلدۈرۈلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئاتا-ئانىلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسەن ئويناش بىلەن يەپ-ئىچىش دەپ چۈشۈنىۋالغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان چۈشەنچە-كۆزقارىشىنى ئىسلاھ قىلىش، توغرىلاش زۆرۈر بولۇپ بولىۋاتىدۇ.
 


ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، كۆڭۈل ئەسلى ئوچۇق بولىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق نەرسىلەرنى قاچىلاشنى تاللاش ھەم ئادەتلىنىش كۆڭۈلنىڭ يۈزلىنىشنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ. ئوچۇق كۆڭۈلنى ئاچىمىز دەپ يۈرۈپ ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈش كۆڭۈلنى ئويۇن-تاماشىغا كۆندۈرۈپ قۇيۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جامائەت، مەدەنىيەت خارەكتېرلىق ھالەتتە كۆڭۈل ئېچىشنى ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈشتىن ئىبارەت تەپەككۇر قىڭغىرلىقى كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىدىكى ئېغىر ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلنى قانداق ئېچىش توغرىسىدا جامائەت خارەكتېرلىق چۈشەنچىنىڭ توغرا بولماسلىقى جامائەتلەشكەن ھالدىكى يامان ئىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، ئائىلىلەر، مەھەللە-يۇرتلار، ھەتتا مىللەت قاتلىمى بويىچە زەھەر چېكىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كۆڭۈل ئېچىش دەپ چۈشۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دىيەلەمدۇق! ياق! دىيەلمەيمىز. "ئىشەك ئىشەكتىن كىيىن قالسا قولىقىنى كەس" دېگەندەك، خۇددى ئىشەكتەك زەھەر چېكىدىغانلار كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ بىرسى بىرسىنى دوراپ بۇ توپقا قېتىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئادەملەر دۆت دەپ قارايدىغان ئىشەكلەر بەدەننى زەھەرلەيدىغان زەھەرنى پۇراپ بېقىپلا يىمەيدۇ. لېكىن، ئاشۇ ئىشەكچىلىكمۇ بولالمايدىغان ئادەملەر ئىسمى بىلەن پۇرىقىدىن زىيان قىلىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان زەھەرنى چېكىپ ئاتالمىش "كۆڭۈلىنى ئېچىۋاتىدۇ". يەنە، نىكاھلاپ پاك-پاكىز خوتۇن ئالىدىغان ھەم نىكاھلىنىپ سەمىمىي-سادىق ئەرگە تېگىدىغان مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئىگە بولغان ئەر-ئاياللار كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، بىلمەسلىك بىلەن ئەقىل-ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى-قىممىتىنى قىلماي، نىكاھ سىرتىدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرۈپ، مەينەتچىلىك بىلەن بۇلغۇنۇپ، ئەيدىزگە دۇچار بولىشىۋاتىدۇ. "كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، كۆڭۈل ئاپىرىپ ھەر يەرگە تاشلايدۇ" دېگەننى بىلمەيدىغاندەك، كۆڭۈل ئېچىشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ھالىتىدە جامائەتلىشىش-جەمىيەتلىشىش ئەھۋالى زەھەرخۇمارلار بىلەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمىگەن ھالدا پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ دېمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى، بىر-بىرسىدىن ئەگىشىپ زەھەر چېكىدىغانلار ھەم نىكاھ سىرتىدا قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار "قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى" دېگەندەك، كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، زەھەرگە قۇل بولۇش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەمگە ئۇچراپ يۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەغدىرىنىڭ سەۋەبى كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
 


دېمەك، يۇرتىمىزدا ھەم خەلقىمىزدە زەھەر چېكىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ باشقا يۇرت-خەلقلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇشىنىڭ مانا مۇشۇنداق كۆڭۈل ئېچىش كۆزقارىشى بىلەن ئۇسۇلىنىڭ ئېنىق-توغرا بولمىغانلىقى بىلەن مۇھىم سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەكسىچە كۆڭۈلنى قاراڭغۇلاشتۇرىدىغان ئورۇن-سورۇنلارغا بارماسلىقىمىز، بەلكى، سەيلى-ساياھەت قىلىشىمىز، كىتاب-ماتىرىيال كۆرۈشىمىز، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز، سۆھبەت ئاڭلاپ بىلىم ئېلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىمىز... دېگەندەك، ئۈنۈملۈك، مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈدىغان پائالىيەتلەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى تاللىشىمىز ھەم شۇنىڭغا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، چوڭلارنى پات-پات يوقلاپ ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشىمىز، بالىلارنىمۇ كۆڭۈللۈك مۇھىتلار بىلەن تەبىئەت قوينىغا باشلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقلىرىدىن كۆڭلىمىزنى شاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كۆڭۈل ئېچىشتا ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ ئويلىغاندا ئاندىن كۆڭلىمىز ھەقىقىي ئېچىلىپ يايرىيالايدىغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي كۆڭۈل ئېچىشنى ئۆگىنىشىمىز ھەم باشقىلارغا، ئەۋلاتلارغا، شۇنداقلا ياشلارغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك. توغرا ئۇسۇلدا كۆڭۈل ئېچىش كۆڭۈلگە ئەبىدى ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ. كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ زەھەر، ئەيدىز دېگەندەك دەرت-ئەلەملەرگە دۇچار بولۇپ قېلىش ئەسلىدە قەيەردە قانداق كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەسلىكنىڭ، توغرا ئۇسۇلدا كۆڭۈل ئېچىشقا ئۆگىتىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
 


دېمەك، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەسلىدە ناھايىتى ساپ، دۇرۇس، پاكىز، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭغا نېمە قاچىلاشنى بىلىش-بىلمەسلىك تەربىيەلەنگەن كۆڭۈل بىلەن مۇھىتقا باغلىق بولىدۇ.