ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا»مۇ!
ۋاقتى : 2015-10-16 16:31:49  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا»مۇ!

تاماشا دېگەن ئويناشنى، باشقىلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈشنى، خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك ئۇيۇن-تاماشا بىلەن بىلەن ياشاشنى تاللىۋالغانلارنىڭ سەپسەتىلىك پەلسەپىسى. ھاياتلىقنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرۈش، ئۇيۇندىن باشقىنى مۇھىم بىلمەيدىغان قىممەت ئېڭىنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، نۇقۇل ئۇيۇننىلا قىممەتكە ئىگە قىلىش ھەم ئۇيۇندىنلا قىممەتكە ئېرىشىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاساسى قىممەت ئۆلچىمى ئەمەس. چۈنكى، ھاياتلىق نوقۇل ئۇيۇن-تاماشا بىلەنلا داۋاملىشالمايدۇ. ئۇيۇن-تاماشا ئۈچۈنمۇ ئەجىر قىلىش كېرەك، بەدەل تۆلەش كېرەك، ئەقىل ۋە پۇل تېپىش كېرەك، ساپا ۋە ئەخلاققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ھاياتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈش ھاياتنى بىرتەرەپلىمە چۈشۈنىۋالغۇچىلارنىڭ كۆز قارشى بولۇپ، مۇشۇنداقلار پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەيدۇ. ياشلىقنى ئويۇن-تاماشىنىڭ ۋاقتى دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمما ياشانغاندىكى ئاجىزلىق-بىقۇۋۇللۇقنى ئويلاپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار ھازىرنى غەنىمەت بىلىدۇ، ئەمما ھازىرنى قانداق قىممەتتە غەنىمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.
«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دېگەندە، ئىنسان ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتنى ئۇيۇن-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تاللىۋېلىش ئۆلچىمىدۇر. ئەمەلىيەتتە ھاياتنى قىممەت ياراتماي، ئۇيۇن-تاماشا بىلەنلا ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھاياتىنى ئۇيۇن-تاماشىغا ئاتىۋەتكەنلەر ئۇيۇن-تاماشىدىن باشقىنى ئويلىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇيۇن-تاماشىغا بېقىنغان ھالدا ئۇيۇن-تاماشىچىلارغا قۇل بولۇپ قالىدۇ.
«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەپ قاراش، بىرتەرەپتىن ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۆلگۈچە ئۇيۇن-تاماشانى مۇھىم بىلىش قارىشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىدىغان جانغا ھاياتنى تاماشىغا ئايلاندۇرماي قانداق قىلاتتۇق، دەپ چۈشۈنىدىغانلارنىڭ ھاياتلىق ئۆلچىمىدۇر. يەنە بىرتەرەپتىن «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەپ قاراش ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلارنىڭ ھاياتنى تاماشىغا ئايلاندۇرۇشنى تاللىشىدۇر.
ھاياتنى ئۇيۇن دەپ قاراش، بەدەل تۆلىمەي بەھرىمان بولۇشنىلا ئويلايدىغان ھەم مۇشۇنداق ئىدىيە-خارەكتېرغا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بولۇپ، بۇنداق چۈشەنچە نۇرغۇن كىشىلەردە بىرتەرەپلىمە قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ.
«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەپ چۈشۈنۈش بىلەن راھەتپەرەسلىكنى قوغلىشىپ ھەم چۈشكۈنلىشىپ زەھەر چېكىدىغان، زەھەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا، «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دەپ يۈرۈپ، قالايمىقان يەرلەردە خالىغانچە ئويناپ يۈرۈپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دىيىش، مەلۇم كەسپى ساھەلەردە مەستانىلىق بىلەن ئۇتۇق قازىنىشقا تۈرتكە بولالايدىغان قىزغىنلىققا ئايلىنالىغان بولسا، كەسپى قىزغىنلىققا خۇددى ئۇيۇندەك مۇئامىلە قىلالىغان بولسا، ياكى قىزغىنلىق ئۇيۇنغا ئايلىنىپ كېتەلىگەن بولسا، كەسپى تىرىشچانلىق، كەسپى ئىجتىھات، كەسپى خۇمارلىق خۇددى ئۇيۇندەك ھېس-تۇيغۇنى پەيدا قىلالىغان بولسا، كەسپى ئىش-خىزمەت ئۇيۇندەك كۆڭۈللۈك، مەنىلىك تۇيغۇغا كېلەلىگەن بولسا، «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» دپ قاراپ، ھاياتنىڭ قىممىتى ئۇيۇن بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىلسە، ھايات ھەرقاچان-ھەر زامان خوشال-خورام، ئەھمىيەتلىك داۋاملىشالىسا، ئۆلۈمدىن باشقىنىڭ قانداق تاماشا ئىكەنلىكىگە باھا بەرگىلى، چۈشەنچە بەرگىلى بولىدۇ.
مېنىڭچە، «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» ئەمەس.