ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئون ئۆلچىمى
ۋاقتى : 2013-06-16 17:10:59  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : مەقسەت

پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئون ئۆلچىمى


1-  تولۇق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇش لازىم
بىخەتەرلىك ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مۇھىت، تەبىئىي مۇھىت، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. چۈنكى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېھتىياجلىق ئەڭ ئاساسىي تەلەپ ئۆزىگە تەۋە بىر ئايرىم جاي بولۇش بولۇپ، بۇ ئايرىم جاي دەل ئائىلىدۇر. ئائىلە بولغاندىلا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىخەتەر، تەبىئى مۇھىتنىڭ گۈزەل، خىزمەت مۇھىتىنىڭ ئازادە بولۇشىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2- تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك
تۇرمۇش نىشانىنى بەلگىلىگەندە، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش، ھەم بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ناۋادا، بەلگىلىگەن تۇرمۇش نىشانى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكىنى قانچە كۆپ بولسا، روھىي بېسىممۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. ‹‹قانائەتچان كىشى دائىم خۇشال يۈرىدۇ›› دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، كۆڭۈل توقراق بولىدۇ. تەرىقەتچىلەرنىڭ پېشۋاسى لاۋزى: ‹‹غەمسىزلىكتىن ئارتۇق شاتلىق بولماس، قانائەتچانلىقتىن ئارتۇق بايلىق بولماس›› دېگەنىدى. ئادەم غەم – قايغۇسىز، قانائەتچان بولسا، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ساغلام كېلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

3- ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك
ئىقتىدارىغا ئوبيېكتىپ، توغرا ھۆكۈم قىلىش ياكى قىلالماسلىق، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىدارىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى زورىغا قىلغاندا، ھەمىشە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ ئىقتىدارىنى زىيادە تۆۋەن مۆلچەرلەپ، ئۆزىگە قويغان باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ، چۈشكۈنلۈكنى پەيدا بولىدۇ.

4-  سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان باغلىنىشلىقىنى ساقلاش كېرەك
بۇنداق بولغاندا، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇھىتقا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بولىدۇ. پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا دائىم خامۇشلۇق ۋە ئىچى پۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ھەر قايسى ياشتىكىلەر(بولۇپمۇ ياشانغانلار) بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلىش ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

5-  ئىندىۋىدۇئاللىقنى ساقلاش كېرەك
ئىندىۋىدۇئاللىق يەككە گەۋدىنىڭ خاسلىقى، يەنى، بىر ئادەمنى باشقا ئادەملەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىق ئېھتىياج، مەقسەت، قىزىقىش، ئىقتىدار، مىجەز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىندىۋىدۇئاللىقتىكى ئىقتىدار، قىزىقىش، مىجەز قاتارلىق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر چوقۇم ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، تۇرمۇشىدىن بەخت ۋە قانائەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەمدە ئىقتىدار بولۇپ، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە قىزىقىش بولمىسا، خىزمىتى مىجەزىگە ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە قانائەت ھېس قىلالىشى ناتايىن. ئەكسىچە، ئۇ خىزمىتىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىقتىدارى ئاجىزراق بولسىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.

6- مەلۇم ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش لازىم
ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىرقى جەمئىيەتتە، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولۇۋاتىدۇ. يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش كېرەك. مەسىلەن: كومپيۇتېر ئۆگەنمىگەندە تورغا چىقىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ساغلاملىق ھەققىدىكى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەندە، كىيىنىش، تويۇنۇش سەۋىيەسىدىلا توختاپ قېلىش مۇمكىن. ئۆگىنىش ياشانغانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مېڭە فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

7-  ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش كېرەك
كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتى، قېيىنئاپا – كېلىن مۇناسىۋىتى، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى، دوستلۇق مۇناسىۋىتى، ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلىش، ھېسسىيات، ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى پىسخىك ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىلىش ئامىلى يەككىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ھالىتىنى چۈشىنىشىنى؛ ھېسسىيات ئامىلى مۇناسۋەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھېسسىيات جەھەتتىكى ياقتۇرۇش دەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەت ھالىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى؛ ھەرىكەت ئامىلى كونكرېت كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھېسسىيات ئامىلى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ھېسسىيات جەھەتتىكى باغلىنىش كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىلغار مۇناسىۋەتلەرمۇ، ناچار مۇناسىۋەتلەرمۇ بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماسلاشقان بولۇش – بولماسلىقى، كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8-  كەيپىياتنى ئىپادىلەش ۋە تىزگىنلەش لازىم
كەيپىيات كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا، ئارزۇسىغا ۋە كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىدىن شەكىللەنگەن كەچۈرمىشىدۇر. ئومۇمەن ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ياكى ئارزۇسىغا، كۆز قارىشىغا ماس كېلىدىغان ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، مۈئەييەنلەشتۈرىدىغان كەيپىيات ھاسىل قىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا، كۆز قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كىشىلەردە زېرىكىش، بىزارلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. سىرتقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئىنكاس پەيدا قىلىشى كەيپىيات ساغلاملىقىنىڭ بىر بەلگىسى. كىشىلەردە خۇشال بولۇش، غەزەپلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىيات ئالامەتلىرى بولىدۇ.

9- قابىلىيىتىنى چەكلىك دائىرىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك
كىشىلەر قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئەمما باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە توسالغۇ بولماسلىقى، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم. بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشى ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولماي، پەقەت ئۆز قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، زىددىيەت تۇغۇلۇپ، ئاۋارىچىلىك كېلىپ چىقىدۇ – دە، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ.

10- ئادەمنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشى لازىم
شەخسنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندا، ئۇ خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. بۇنداق تۇيغۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا پايدىلىق. ئەمما، ئېھتىياجنىڭ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ چوقۇم قانۇن – نىزاملارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشى ئاستىدا، شەخسنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەندە، ۋىجداننىڭ ئەيىبلىشىگە، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا پايدىسىزدۇر.