ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
مۇنداقمۇ ياشاپ بېقىڭ
ۋاقتى : 2014-01-25 10:41:49  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

مۇنداقمۇ ياشاپ بېقىڭ


  قۇرۇق ھاياجان ۋە چېكى يوق ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭلىڭىزنى توق، قورسىقىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇپ ياشاپ بېقىڭ! چۈنكى ئازاپ ۋە ئەنسىرەشلەر پەقەت قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بىخ سۈرىدۇ ھەم پەقەت شۇ يەردىلا ھەقىقىي يوقىلالايدۇ. ئۇ خىل ھېسىياتلارنىڭ يېڭىلىشىغا دەسلەپتە بەلكىم بىر يىل، نەچچە ئاي، بارا-بارا نەچچە كۈن كېتىشى ياكى دەقىقە ئىچىدە يوقىلىشى، ھەتتاكى پەيدا بولار-بولمايلا يوقىلىشى مۇمكىن، خۇددى بىر پارچە ئۇچقۇن تامچە سۇدا ئۆچكەندەك.

  قىلۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن دەيدىغان نىيەت بىلەن روھىڭىزدىكى خاتىرجەملىكنى قوغلاشقان ھالدا ياشاپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزمۇ تەڭلىكتە قېلىشتىن ساقلىنىڭ ھەم باشقىلارنىمۇ تەڭلىكتە قويماڭ.

  ھەممىلا ئىشقا ھەيرىن قالماڭ، بىھۇدە ھودۇقماڭ، ئالدىراقسان ياكى ئەزمە بولماڭ، گاڭگىرىماڭ، ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ئەندىشىڭىزنى كۈلكە ئارقىلىق يۇشۇرماڭ. ئېرىشكەنلىرىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ ھەم قولدىن بىرىپ قويغانلىڭىز بىلەن ئارتۇقچە ھېسابلىشىپ يۇرمەيمۇ ياشاپ بېقىڭ.

روھىڭىزنى بولغىماڭ، تەبىئىتىڭىزدىن يىراقلاشماڭ، كەمسىتىلگەنلىكىڭىزدىن مەيۈسلەنمەڭ. سەمىمىي ۋە راستىچل بولۇڭ. ئىش قىلغاندا ئەستايدىل ئويلىنىڭ.

  بىراۋغا بىلىملىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئويلىغانلىرىڭىزنى قەستەن يۇشۇرماڭ ياكى سۆزمەن كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەمەدانلىق قىلىپ يۈرمەڭ. مۇمكىن بولسا ئۆز ھەرىكەتلىرىڭىزنىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇڭ، يېڭلىقنىمۇ قوبۇل قىلىڭ، خاسلىقىڭىزنىمۇ ساقلاڭ.

  ھەقىقىي مەندىكى خاتىرجەملىكنى باشقىلارنىڭ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ روھىي دۇنياسىدىن كېلىدىغانلىقىنى بېلىڭ. ماختاشنىڭ، ھەۋەس قىلشنىڭ ۋە خوشامەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىنش، سۆيۈلۈش ۋە ئىززەتلىنىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ قېلىڭ.

   ئۆز پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، پىكىر قىلىش ئىقدارىڭىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىڭ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ھۆرمەتلەشكە تىرىشىپ كۆرۈڭ. بۇگۈندىن باشلاپ بارلىق ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭكى، ھەرگىزمۇ بىھۇدە ئىسراپ قىلۋەتمەڭ. كېيىن ئوقۇساممۇ بولار، دەپ ئويلىغان كىتابلىرىڭىزنى ھازىردىن باشلاپ ئوقۇڭ. چۈنكى، قېرىغاندا ئۇنى ئۇقۇغۇدەك زېھىن-قۇۋۋىتىڭىز قالمايدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزمۇ چېكىنىدۇ.

  باشقىلار سىزگە ئازار بەرگەندە «مەن ئازار يىدىم» دېگەندەك ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا مەن باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويمىدىم دەپ ئويلاڭدە، قورسىقىڭىزدىكى غۇمنى چۆرۈۋېتىڭ، شۇندىلا كۆڭۈل غەشلىكىڭىزمۇ يوقاپ كېتىدۇ.

  ئاپتورى: ئسمايىل ھېكىم