ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئۈچ ئەيدىز بىمارىنىڭ ھېكايىسى
ۋاقتى : 2015-05-08 12:41:53  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئۈچ ئەيدىز بېمارىنىڭ ھىكايىسى
 
سولدا: لاۋشىيا، 40 ياش، شاڭخەيلىك. 2008 -يىلى ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغاندىن كىيىن، ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرىشىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئايالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لاۋشىيانىڭ 18 ياشلىق ئوغلى بىلەن كۆرىشىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ يۇرتىغا قايتالمىغان، ئىلگىرىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغان. ئۇ ھازىر ئايلىقى 200 يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن.
ئوتتۇرىدا: تاۋتاۋ، 13 ياش، ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئانىسى ئاللىبۇرۇن ئەيدىز كېسىلى بىلەن دۇنيادىن خوشلاشقان.ھازىر ئۇ دادىسى ۋە ئۈگەي ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ باقمىدى. ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۇنىڭ كېسىلىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. كىيىن ئۇ شەنشى ‹قىزىل بەلباغ› باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغان.
ئوڭدا:لىيۇ مۇئەللىم، 38 ياش، 1996-يىلى بالىياتقۇ سىرتىدىن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا سېلىنغان قاندىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان.پەقەت 2005  -يىلىغا كەلگەندە تەكشۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ شەنشىدىكى‹قىزىل بەلباغ› باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇ ھازىر تاۋ تاۋنىڭ تۇرمۇش مۇئەللىمى. ئۇ يولدىشى ۋە قىزىنىڭ ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقىنىدىن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدىكەن.
ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم،ئۇلار غەمخورلۇققا مۇھتاج.بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىز ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ  ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ساغلاملىقىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.