ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئامېرىكىدا ئەيدىز بىمارلىرى ئوتتۇرسىدا جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلدى
ۋاقتى : 2016-04-05 12:41:08  مەنبەسى : جۇڭگو ئاخبارات تورى  يوللىغۇچى : يارپ

جۇڭگو ئاخبارات تورى 31- مارت خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى ئامېرىكىلىق دوختۇرلار ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغان بىر كىشى تەقدىم قىلغان جىگەرنى يەنە بىر ئەيدىز بىمارىنىڭ تېنىگە كۆچۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا ئۈچ يىل ئىلگىرىلا بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىكەن.
جونىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتستىنىڭ دوختۇرلىرى مۇنداق دېگەن: جىگەر كۆچۈرۈلگەن بىمار 20 يىل ئىلگىرى ئوكۇل يىڭلىسى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، يەنە بىر بىمارمۇ ئۆلۈش ئالدىدا جىگىرىنى باشقا بىر بىمارغا تەقدىم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان.
جونىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتستى دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلىمىنى پىروففىسورى دېررى سېجىف مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىز دۇنيا بۇيىچە 1- بولۇپ ئەيدىز بىمارلىرى ئوتتۇرسىدا جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇق.