ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئەخلاق تەربىيەسى
ئاشنا تۇتقان ئەرلەرنىڭ ئاقىۋىتى
ۋاقتى : 2015-10-14 17:31:54  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

ئاشنا تۇتقان ئەرلەرنىڭ ئاقىۋىتى

 


بىرىنچى خىل ئاقىۋەت: قانائەتلىنىشتەك بىمەنىلىكنى دەپ، بالىنى ۋەيران قىلىش. ئاشنا تۇتقان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىردەملىك ھېسسىياتقا بېرىلىدۇ، ئاخىرىدا ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، ئاجرىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
ئەگەر ئۇ ئەرنىڭ ئاشنىسى يالغۇز بولسا، ئۇ ئايال بىلەن توي قىلسا، خوتۇنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھتىن بىرنى تېپىۋالسا بولىدۇ، ئەمما بالىلار مۇشۇ سەۋەبلىك ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يېتىملىك كوچىسىغا ماڭىدۇ، ئەڭ زور زەربىگە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا شۇ بالىلار.
ئىككىنچى خىل ئاقىۋەت: نەس بېسىش. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسى بولسا، بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ، يەنە بىر تەرەپ داۋاملىق ئۆيىنى تۇتۇپ قالىدۇ، نىكاھتىن ئاجراشقان تەرەپنىڭ مال-دۇنياسى بۆلۈنۈپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ.
لېكىن داۋاملىق ئۆي تۇتۇپ قېلىشنى تاللىغان تەرەپكە نىسبەتەن، ئەر-خوتۇنلار قەلبىدە مەڭگۈ يوقالماس داغ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا يوشۇرۇن خەۋپ بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئاقىۋەتنىمۇ ئانچە ناچار ئاقىۋەت، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئاقىۋەت: ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يولىغا راۋان بولۇش. كۆپلىگەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپلا ئۇلارغا ئاشنا بولىدۇ. يىغقان بايلىقى مەلۇم قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن ئېنىقلا ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇنداق بەزى ئېزىقىشلىرىمۇ ئائىلىسىگە ئانچە تەسىر كۆرستىپ كەتمەيدۇ، ئۇنداق ئاياللار پۇلغا تويۇپلا بولدى قىلغان بىلەن، ئەرلەرمۇ يولىغا راۋان بولىدۇ ھەمدە باشقىسىنى تاپىدۇ.
تۆتىنچى خىل ئاقىۋەت: ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قېلىش. ئەرلەرنىڭ ئاشنا تۇتقانلىقىنى خوتۇنلىرى بىلىپ قالغاندىن كېيىن، خوتۇنى ئۆچ ئالماقچى بولۇپ، ئۆزىمۇ ئاشنا ئىزدەيدۇ، ئاقىۋەتتە ئارىدا جېدەل-ماجىرا تۇغۇلىدۇ، ئائىلە زۇلۇمىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەرلەر بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ئاشنا تۇتسام مەيلى، لېكىن خوتۇنۇم چوقۇم پەزىلەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلاپ، قارشى تەرەپتىن دۇرۇس يولدا مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۆزلىرىمۇ بويتاق ئەر، تۇل خوتۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بەشىنچى خىل ئاقىۋەت: پاجىئەلىك ئاخىرلىشىش. بەزى ئاشنا تۇتقان ئەرلەر ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى سەۋەبلىك خوتۇنىدىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەرنىڭ خوتۇنىدىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەرنىڭ خوتۇنىمۇ ئاخىردا ھەممە ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ. ئەرنىىڭ ئاشنىسى بولسا ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرنى قويۇۋەتمەيدۇ، نەتىجىدە ئەر ھەپتىنىڭ يېرىمىنى خوتۇنى بىلەن، يېرىمىنى ئاشنىسى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، لېكىن بۇ خىل مۇناسىۋەتتە ئەڭ چارچايدىغىنى يەنىلا ئەر كىشى، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ: ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا. ئەڭ ياخشىسى ئائىلىسىگە سادىق بولۇش كېرەك.