ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئەخلاق تەربىيەسى
مۇھەببەت مۇھىممۇ نىكاھمۇ
ۋاقتى : 2015-07-28 10:32:09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : يارپ
 
مۇھاببەت مۇھىممۇ، نىكاھ  مۇھىممۇ
          كۈرەش ھاشىم
 

ئۇزاق يىللىق ئادۋوكاتلىق كەسپىي ھاياتىمدا نۇرغۇن زىدىيەتلىك سوئاللارغا دۇچ كەلدىم. ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى نىكاھتىن ئاجىرىشىش دېلولىرى خەلىق سوت مەھكىمىلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئومۇمىي ھەق تەلەپ دېلولىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى دېلولار تەرەپلەرنىڭ مۇھاببەت ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى، ماددىي ۋە مەنىۋىي قاراشلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، ئائىلە زۇلۇمى قاتارلىق ئوبىكتىپ سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ خىل دىلولار ھەم قانۇن، ھەم ئەخلاق مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، سەگەكلىك بىلەن جاۋاپ بەرمىگەندە، بىر ئائىلىنىڭ ۋە بىر جەمەتنىڭ زىددىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۈتۈلمىگەن يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ھەرقانداق ئادۋوكات كەسپىي ھاياتىدا ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە. مەن بۇ خىل سوئاللارنى يىغىنچاقلاش جەريانىدا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ، «مۇھەببەت مۇھىممۇ ياكى نىكاھ مۇھىممۇ؟»، «تويدىن ئىلگىرى مۇھاببەتلىشىپ توي قىلغان ياخشىمۇ ياكى ئاتا-ئانا ۋە باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بىرىشنى لايىق تاپتىم.
مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئوخشاش بولمىغان جىنىسلار ئوتتۇرىسىدكى بىر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋىي بىرلىشىش مەسىلىسى بولۇپ، مۇھەببەت ھىسياتنى، نىكاھ ھىسيات بىلەن فىزىيولوگىيەلىك بىرلىشىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىدىغان ئىنساننىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇناسىۋەت مەسىلىسىدۇر.
ئىنسانلارنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ مۇرەككەپ ھەم ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن. قەدىمكى زاماندا مۇھەببەتنىڭ رولى ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمىغان. ئىنسانلارنىڭ، ماددىي ئىشلەپ چىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزرۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەنىۋىي ئىھتىياجنىڭمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇھىم تەرىپى ئىكەنلىكى تەدىرجى ئىتىراپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىمۇ نىكاھنىڭ مۇھىملىقىغا ئوخشاش تەڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان بولغان. 
قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە، مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىسى كىشىلەر قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا كىشىلەردە مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار شەكىللەندى. مېنىڭچە، مۇھەببەت ـــ قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتىدىن شەكىللىنىدىغان مەنىۋى ئىنتىلىشتۇر، نىكاھ ــــ كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇكەممەل بىر تەرىپى بولۇپ، ئىككى ئادەمنىڭ تاللىشى، خاھىشى ۋە قارارىنىڭ بىرلىكىدۇر. گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل:« مۇھەببەت قىز-يىگىتلەردە بىر-بىرىگە ھېرىس پەيدا قىلىپ، ئاندىن ساداقەت يىتىلدۈرىدىغان جەرياندۇر» دېگەن.
مۇھەببەتكە كىمنىڭ قانداق تەبىر بىرىشىدىن قەتتىي نەزەر، مۇھەببەت مۇھىممۇ ياكى نىكاھ مۇھىممۇ؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا پىكىر يۈرگۈزۈش ھەر بىر جەمىيەت ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتىدۇر. مېنىڭچە، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھەببەت نىكاھتىن مۇھىم! چۈنكى مۇھەببەت قەلىپ يۈكسەكلىكىگە يېتىش جەريانىدۇر. ھەر قانداق ئىنسان ھايات مۇساپىسىدە مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىسىگە قارىتا يادرولۇق قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرمەيدىكەن، ھاياتى ھەققىدە ئىلمىي خۇلاسە چىقىرالمايدۇ. ئىنساندا مۇھەببەت بولغاندىلا، ئاندىن نىكاھ-ئائىلە قارىشى يېتىلىدۇ ھەمدە ھاياتلىق مەجبۇرىيتى شەكىللىنىدۇ. مۇھەببەتنىڭ مەجبۇرىيتى ئىنساندا قايناق ھېسيات ۋە ئۈمۈد پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ھاياتلىق مۇددىئاسىنى تىكلەشكە بىۋاستە ئاساس سالىدۇ. ئۇنىڭ مەنزىلى مۈشكۈل ۋە ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، قۇدىرىتى قىز-يىگىتلەرنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ.
گەرچە مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىككە تولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشى ئۈچۈندۇر. مۇھەببەت ئىنساننى كۆپ نەرسىگە ئىنتىلدۈرىدۇ، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە تەكرار ھېس قىلدۇرىدۇ، بۇنى ھىس قىلىش جەريانىدا ئادەمنىڭ يۈرىكى ئاللبۇرۇن كىمگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى  بايقىيالايدۇ، دەل شۇ چاغدا قەلىبتە مۇھاببەت شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئىنسانلار مۇھەببەتنىڭ ھېسيات ئۆتكىلىنى توغرا تاماملىيالمىسا، نىكاھ قەدىمىنى توغرا باسالىشى ناتايىن.
نىكاھ ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە جورا بولالايدۇ، بۇ خىل بىرلىشىش ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇھەببەت ھېسيات ئۆتكۈلىدىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەندە، شۇنداقلا كەيپىيات ۋە ئورتاق فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجنى بىر-بىرىگە چەكسىز ئىشەنچ بىلەن تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئېتىقات قەسىرىدىن ئۆتۈپ، ئائىلە مەسئۇلىيتىگە ۋەزىپە يۈكلىيەلەيدۇ. نىكاھ ھىسياتنى بىر-بىرىگە ئىپپەت ئاساسىدا تاپشۇرۇۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. نىكاھنىڭ كاپالىتى ۋە غەلبىسى پەرزەنتلەرنى ھۇجۇتقا چىقىرىش ۋە جەمئيەت ئەزالىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلشتۇر. نىكاھ يەنە ئوخشاش قان سېستىمىلىرى ئارىسىدا قانداش تۇققانلار ۋە ئۈچ ئەۋلاد شىرەم تۇققانلارنىڭ توي قىلىشىدىكى قالايمىقانچىلىقنى توسۇپ، ساغلام ئەۋلاد قالدۇرۇش، ئىشلەپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە رول ئوينايدۇ، ئەمما ئۇ جەمىيەتنى تەشكىل قىلغان ئاساسى ھۈجەيرە، دەپ قارالغان ئائىلىنى تەشكىلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، نىكاھ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەت ئۈچۈن تۇرغۇزغان جەمىيەت بىرلىكى بولۇپ، قەلىب ئېھتىياجى بولغان مۇھەببەتتىن تۆۋەن تۇرىدۇ، شۇڭا ھاياتلىقتا مۇھەببەت نىكاھتىن مۇھىمدۇر