ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
ئادەمنى ئاچلىق ئۆلتۈرمەيدۇ ئادەت ئۆلتۈرىدۇ
ۋاقتى : 2015-02-15 15:22:20  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

مىدىتسىنالىق ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى: ئادەمنى ئاچلىق ئۆلتۈرمەيدۇ ئادەت ئۆلتۈرىدۇ.

خان ئىشى ۋە ئاچلىق پىسخولوگيەسى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپۇنچىسى ئۇيغۇر خەلق تائاملىرى ئارىسىدا <خان ئىشى>دىگەندەك بىر خىل تائامنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.

ئىستىمال قىلىپ كۆرگەنلەر خان ئىشىنىڭ قۇرۇق بۇغداي ئۇمىچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

بەزىلەر ياراتماي بۇرۇنقى خان پادىشالار مۇشۇنداق ئادەتتىكى تاماقنى يەپتىكەنما؟ دىيىشىپ مىيغىدا كۈلىشىشىدۇ. ئەمما قوسىغى تويۇپ ، يوغىناپ كۆزىگە ياغ تولۇپ قالغان ھۆكمىراننىڭ ئۆز دەردنىڭ غىمىدىلا بۆلۈپ خەلقنىڭ دەردىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدەك ھاكاۋۇر خاراكتېر يىتىلدۈرمەسلىگى ئۈچۈن قىدىمقى دانالار <ئىنسان نەپسىنى ئاچ قويۇپ تەربىيەلەش> ھىكمىتى بويۇنچە خان پادىشالارغا ھەرئايدا ئۈچ كۈن بۇغداي تامىقى يىشيىشى ، يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىشنى ئادەت قىلدۇرغان ئىكەن. ھۆكۇمران خەلقنى قانچە سۆيگەنسىرى خەلقنىڭ قەلبى بۇنى ھىس قىلىدۇ.خەلقمۇ ھۆكۈمدارنى ھەقىقىي كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. خەلقنىڭ سۆيگىسىگە ئىرىشەلمىگەن ھۆكۈمدارلىق زاۋال تاپىدۇ. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلغۇسىز ئاددىي قانۇنىيەت مەنتىقىسى. بۇگۇنكى كۈندە بۇرۇنقى پادىشالارمۇ يەپ باقمىغان يىمەك ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان ،ھەرخىل رەڭدار تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدىكى دۇنيا ئاھالىسى ھەر بىرى ئۆزىنى <پادىشاھ>تەك ھىس قىلىدۇ.فىئودالىزىم دەۋرىدىكى قۇللۇق ئىچىدە ياشىغان خەلقلەر بۈگۈندە باياشات توقچۇلۇق تۇرمۇشتا<پادىشاھتەك>كۆرنۈشتە ياشاۋاتقىنى بىلەن بىر تەرەپتىن ئىجتىمايى ئەخلاق ئىنتايىن بۇزۇلۇپ ، ئادەملەر ئارىسىدا مىھرى مۇھاببەت سۇسلاپ كىتىۋاتقىنى ئىنكار قىلغۇسىز ئاچچىق بىر رېئاللىق .بىزلەر خالاپ خالىماي شۇ رېئال پاتقاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتمەكتىمىز.

يەر شارى يىلدىىن يىلغا ئىسسىپ كىتىگلىك،

ئەمما ئادەملەرنىڭ يۈرىكى سويۇپ كىتىگلىك.

بۇرۇنقى پادىشالارغۇ خان ئىشى يەپ ئۆزىنى تىزگىنلەپتىكەن ئەمما ھازىرقى ماۋۇ رەڭباز <پادىشا>لارچۇ؟

ئەنئەنىۋى قاراش بويۇنچە،:

كەمبىغەلچىلىكتە چوڭ بولغان ئادەملەرنىڭ قوسىغى سەل تويۇپ كىتىپ كۆزىگە ياغ تولۇپ قالغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى، كىملىكىنى ، ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ مەدىنيەت سەۋيەسى ۋە تۇرمۇش سەۋيەسى قانچە ئۆسكەنسىرى شۇنچە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بارلىققا كىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىزدەشكە باشلىشى، ئەسلىي ئادىمىيلىكى گە قايتىشى ،بىر بىرگە مىھرىبان بولىشى كىرەك ئىدى.

ئەمما مەلۇمكى خىلىلا كۆپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۆسىۋاتقان مەدىنيەت سەۋيە بىلەن تۇرمۇش سەۋيەسىنىڭمۇ كىشىلەرگە ئەكىس تەسىرى بولۇپ ھەددىدىن زىيادە شەخسىيەتچى

ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئۆز مەنپەتىنىلا كۆزلەيدىغان، بىر بىرگە مىھرى مۇھەببىتى ئاجىزلىشى، ئەڭ موھىمى ئومومى مىقياسىتا روھى چۈشكۈنلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئادەملەردە جۇشقۇن روھ يوق. لىكىن قوساق توق. بۇنىڭدىن كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى قوساقنىڭ توقلا بولىشى ھەممە نەرسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى،ياكى چارىسى ئەمەسكەن.<قوساق تويغۇزۇش> پەقەت ئاچلىق تۇيغۇسى ۋە فزولوگيلىك ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئىكەن.

بىر بىرىدىن<تاماق يىدىڭىزمۇ>دەپ سورايدىغان ئادەت بولسا ئاچلىق پىسخولوگيسىنىڭ ناماياندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.مانا شۇ پسخولوگيە بويۇنچە كىلىپ چىققان ئادەتلەر دىن: بىر بىرنى مىھمان قىلىشنى بەسلىشىش، (تاماققا تەكلىپ قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا، ئىززەت ھۆرمەتلەپ مىھمان قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا) بىرەر مەنپەئەت تاماسىدا مھمان قىلىش، مىھمان قىلىشنى ياكى تاماقنى پەش قىلىش،،خۇددى داستىخاندىكى تاماق ھەممە نەرسىنىڭ ھەل قىلغۇچىسى پىشىۋاسىدەك، ئوزۇقلۇقنىڭ ناماياندىسى بولغان بىر قاچا تاماق، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يۈزىنى ئۇۋىتىپ،يىگە ن ئىغىزىنى ئۇيالدۇرۇپ ماقۇل دىمەيدىغان ئىشقىمۇ ماقۇل دىگۇزۈپ سالىدۇ. بۇ داستىخاندىكى تاماقنىڭ خاسىيتى ئەمەس. شۇ جەميەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاچلىق پىسخولوگىيسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.بۇ ئادەتلەر ئادەتتە بىزگە نورمال كۆرۈندىغان ئەسلىدە بىنورمال بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بولۇپ باشقا جەميەتتىكى باشقا خەلقتىن يۇققان. ئەزەلدىن كۆزى ھەم ئۆزى توق بولغان بىزدەك خەلققە ماسلاشماغلىق ھەم ياراشماغلىق.

مەنپەئەت ۋە تاما يوشۇرۇنغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەقىقى سەمىمىي مۇناسىۋەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ، ساختا مۇناسىۋەت ئادەملەرنىڭ بىر بىردىن زىرىكىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.چۇنكى ئوتتۇرىدا بىر مەنپەئەت مەسىلىسى بولغاندىكىن شۇ مەنپەئەت تەڭپۇڭلىقىغا قاراپ مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلىقى ئۆزگىرەيدۇ.كىشىلەر قانچە مەنپەئەتپەرەس بولۇپ كەتكەنسىرى شۇنچە شەخسىيەتچىلىشىپ كىتىدۇ. قانچە شەخسىيەتچىلەشكەنسىرى شۇنچە مىھرى مۇھەببەتتىن ئۇزاقلىشىپ كىتىدۇ.

بۇ بولۇمسىز ئىللىەتلەرنىڭ تۇپكى مەنبەسى يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئاچلىق پىسخولوگيەسىدۇر. يەنى قوساقنىڭ ئاچلىقى ئەمەس، كاللىدىكى ئاچلىق.(ئاچلىق پىسخولوگيەسى:داۋاملىق تاماق يىمىسە بولمايدۇ دەپ قاراش. ، يىمىسە ئىچمىسە ئاجىزلاپ ،ئورۇقلاپ ياكى كىسەلچان بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا ئۆزىنى ئىشەندۇرۇش.ئىشىدا ئوي خىيالىدا داۋاملىق يەيدىغان نەرسىنى ئويلاش،ۋاقتىدا يىيەلمىسە،قوسىغى بەك ئىچىپ كەتسە ئاچچىقلاپ قىلىش،يىمەك ئىچمەكنى تالىشىش قاتارلىقلار ئاچلىق پىسخولوگيەسىنىڭ ئالامىتىدۇر)

ئەمىليەتتە بىرنەچچە يىل بۇرۇن جاكارلانغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدە ئادەم 40 كۈنگىچە تاماق يىمەي سۇ ئىچىپ ياشىيالايدىكەن.ھاۋا كىلىماتغا قاراپ 15 كۈندىن 20 كۇنگـىچە سۇمۇ ئىچمەي تاماقمۇ يىمەي بەدىندىكى مەخپىي ئىنىرگىيەنىڭ كۈچى بىلەن ھايات تۇرالايدىكەن.

ئاچلىق ئادەمنى ئاسانلىقچە ئۆلتۈرمەيدىكەن. پەقەت تاماق يەپ ئادەتلىنىپ قېلىپ ، بىرلا ۋاقىتتا تاماق يىيىشنى توختۇتۇش بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆلۈشنى كەلتۇرۇپ چىقىردىكەن.يەنى ئادەمنى ئاجىز روھتىكى ئاچلىق پىسخولوگيەسى ئۆلتۈردىكەن. بۇ خۇددى ئادەم كىسەلنى تولا ئويلاپ غەم ئەندىشە قىلىۋەرسە راستىنلا كىسەل بولۇپ قالغاندەك بىر ئىش.

خان ئىشىنىڭ خاسىيتى دەل مانا شۇيەردە. كىشىلەردىكى <ئاچلىق>پىسخولوگيەسىنى يوقىتىدۇ. خىرىستىيان ئەقىدىسىدە مۇرتلىرىرى 40 كۈن گۆش ۋە بەزى يىمەكلىكلەرنى پەرھىز تۇتۇپ ئىبادەت قىلىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىدە مۇسۇلمانلار 30 كۈن روزا تۇتۇپ ئىبادەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننى جىسماني ھەم روھى جەھەتتىن تاۋلاپ چىدامچانلىغىنى ئاشۇردۇ.

ياغ تولغان كۆزلىرى بولسا تازىلايدۇ، ئۆز مەنپەتىدىن سىرت باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلاشقا باشلايدۇ.بۇ ئەسلىدىنلا مۇۋاپىقيەتكە قاراپ ماڭغان يول.

مىھرى شەپقەتتىن يىراقلىشىپ شەخسىيەتچىلىككە تولۇپ كەتكەن ،تولا يەپ كۆنگەن توقلارغا قارىغاندا ئۇشبۇ ئىبادەتنى بىجا كەلتۇرگەنلەر تىخىمۇ توق، تىخىمۇ روھلۇق،تىخىمۇ مىھرىبان، تىخىمۇ سەمىيمى، تىخىمۇ جانلىق.تىخىمۇ كۈچلۈك !

ئاچلىق پىسخولوگيەسىنىڭ قارىشى بويۇنچە تاماقنى قانچە كۆپ يىگەنسىرى شۇنچە كۈچلۈك بولدۇ دەيدۇ.

مەن دەيمەن: تاماقنى قانچە ئاز يىگەنسىرى روھ شۇنچە كۈچلۈك بولدۇ. كۈچلەنگەن روھنى ھەرقانداق كۈچتۈڭگۇر يىڭەلمەيدۇ.چۇنكى ئاچلىق ئادەمنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ.

روھىي ئاجىزلىق يوقۇلۇش گىردابىغا قاراپ ئاپىرىدۇ.