ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بىرىش
ۋاقتى : 2015-04-20 08:25:49  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرەيلى

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن ئالاھىدە ۋەزىپىلەر توغرىسىدا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قائىدە – تۈزۈم بولمىسا، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساس، تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە نېگىزدۇر؛ ئەخلاق بولسا قىممەت قارىشى، چىن ئېتىقاد. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى مۇستەھكەم ئىشەنچكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىدۇ، ئەكسىچە بولسا قۇرۇق پەرەز بولۇپ قالىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يولۇققان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ھەم قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئەخلاقنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ھەم قانۇننىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى كۈچەيتىش، ھەم ئەخلاقنىڭ مەدەنىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىككى قانات بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن تەڭلا كۈچىگەندىلا، ئەڭ ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

تارىخ ئەڭ ياخشى ئۇستاز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە كۆپ كۈچىدى ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. كۆپ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئەھۋالىغا قارىتا، بىز باشتىن – ئاخىر بىر قولدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، يەنە بىر قولدا ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدۇق؛ خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل، زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىدۇق؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغانلىقى، بىز پەقەت بۇ يولدا تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قوش قاناتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئەخلاق ئىدىيەسىنى نامايان قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يەككە ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ ئۇقۇم. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە مەجبۇرلاش رولى ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قايىل قىلىش كۈچى ۋە يول كۆرسىتىش كۈچى ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەسى، ئەخلاق – پەزىلەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىز ئەخلاقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ياماننى جازالاپ، ياخشىنى مۇكاپاتلايدىغان ئىستىل تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ شۇنداقلا ئەخلاقنىڭ مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئارقىلىق بازىنى ئىگىلەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. مەيلى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بولسۇن ياكى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا بىز ئەمەلىي خىزمەتتە شەكىل، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ئوبدان پايدىلىنىشىمىز، يەنى ئىدىيەگە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى ئىدىيەۋى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشىمىز، مەدەنىيەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىمىز، ئۆرپ – ئادەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەردە خىزمەتنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشىمىز، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ناھايىتى كۆپ، شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۆپچىلىك ناھايىتى ئالقىشلايدۇ. شۇڭا بىز زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، مەدەنىيەت بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

ئىككى قاناتنى تەڭ يايغاندىلا، پەرۋاز قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقمىزكى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچىگەندىلا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشالايمىز.