ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
جىنسىيەت، روھى ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت
ۋاقتى : 2015-01-19 08:57:29  مەنبەسى : تور دۇنياسى  يوللىغۇچى : يارپ

جىنسىيەت، روھىي ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت‏

 

    نۆۋەتتە دۇنيادا كېسەللكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قورقۇچلۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەيدىز كېسىلى بىر ‏نەچچە يىللار ئىلگىرى بىز ئاندا-ساندا گېزىت-ژۇرناللاردىن ئاڭلاپ قالىدىغان، خۇددىي قورقۇنچلۇق رىۋايەتتەك ئاڭلىغاندا كىشىنى ‏قورقۇنچقا سالىدىغان، بىراق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان، بىزدىن ناھايىتى يىراق بىلىنىدىغان خەۋەرلەر ‏ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكە ‏ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ‏ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقىلار ئېچىشقا تېگىشلىك غايەت زور بايلىق ئىكەن دەپ ‏بايقاپ ئۇلارنى زور مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئېچىۋاتقاندا ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن زور ئامەت بىلىپ، ئىچكىرى ‏ئۆلكىلەرگە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار قورقۇنچلۇق داۋاسىز ۋابا كېسىلىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ قورقۇنچلۇق ‏ۋابانىڭ ئالدىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقى ۋە روھىي خارابچىلىققا تەڭرىنىڭ بەرگەن ئاشۇ گۇمران قىلىش ‏خاراكتېرلىك جازاسىدىن نالە-پەريات قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز نەنمىندىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە گۇگۇم چۈشكەن چاغلاردا پىيادە ‏مېڭىپ بېقىڭ، يول بويىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەت نەزەر بىلەن قارىشىپ تۇرغان توپ-توپ ئۇيغۇر ‏قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىقتا يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن-‏كەچكەنلەرنى تاماشا قىلىۋاتامدۇ؟ ھەر قايسى ئىدارىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئەمگەك ‏قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆمرىدە زادىلا قەدەم باسالمايدىغان ئاشۇ ئالىي رېستۇرانلاردا غۇۋا چىراق يورىقىدا تاماكىسىنى يانتۇ ‏چىشلەپ، رېستۇرانغا كىرگەن، مېھرى بەختىيار كۈلكىلەر بىلەن تولغان مېھمانلارغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھەددى ھېسابسىز ئۇيغۇر ‏قىزلىرى زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر يىگىتلىرىچۇ؟ سىز ئەگەر بىر ئىپپەتلىك قىز بولسىڭىز ياكى ئايال بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن ‏ياكى سەنشىخاڭزىدىن گۇگۇم چۈشكەندە زادى پىيادە ئۆتمەڭ. پىيادە ئۆتسىڭىزمۇ ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي مېڭىڭ. بولمىسا بىراۋ ‏سىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئەمدىلا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، ‏رېستۇرانلاردا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى بايۋەچچە ياشاپ كۆنۈپ قېلىپ ياراتماسلىقى تۈپەيلىدىن يېشى خېلى بىر يەرگە ‏بارغىچىمۇ توي قىلالماي يۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئالدىڭىزنى توسۇپ ياكى كەينىڭىزدىن يېتىشىپ كېلىپ سىزگە گەپ ‏قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسڭىز سىزگە ھۆكىرەپ ئېتىلىدۇ. (ھەممىسى بۆرە ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۆرە ‏ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىكى تارىخىتىن بېرىقى بىردىنبىر پۇرسەت _ ھەم ھاياجانلىق ھەم بىخەتەر) مانا ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ‏خەلقىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولىۋاتقا ساقايماس ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ‏ئېتىۋاتىدۇ. ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. ‏

  جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولىدۇ. ئاشۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەگەر زەھەرلىك ‏چېكىملىك بولمىغان بولسا باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپ ‏كەتكەندە كىشىلەر «مىللىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دەپ قاخشاپ كېتىشكەنىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ ‏ئەمدى ئەيدىز كېسىلى شىددەت بىلەن تارقالغاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نەگە كەتتى؟ ئۇلار نېمىشقا ‏قاينىمايدۇ، نېمىشقا داۋراڭ سالمايدۇ؟! ئەلبەتتە بۇنىڭدا سەۋەب بار. بىز ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. ‏سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسىنى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ ‏چىقارغۇچى مەلۇم ماددىي ئۇبيېكت ۋە جىنايەتچىنى ئازدۇرغان نەرسىدىن كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تولۇق ‏مۇكەممەللىككە ئېرىشمىگۈچە جەمئىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر گاھ بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ‏ئىپادىلىنىپ چىقسا، گاھ يەنە بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئاشۇ خىروئىن چەككۈچىلەر جەمئىيەتتىكى جىنايەت ‏ئۆتكۈزگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئەگەر خىروئىن بولمىغان بولسا ئۇلار باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ جىنايەت ‏ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب خىروئىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەخلاق ‏قارىشىنىڭ يوقلىقى ۋە مەدەنىيەتسىزلىكىدىن. ئەگەر خىروئىن بولمىسىمۇ ئۇلاردىكى ناچار پىسىخىكا، قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ‏ئەخلاق قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئۇلارنى باشقا جىنايەتلەرگە باشلاۋەرگەن بولاتتى. مەيلى جىنايەتنىڭ مەنبەسى نېمە ‏بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ زەھەرلىك ‏چېكىملىك چېكىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مال-مۆلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ناچار ‏تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىقى ھالاكەت زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. مانا بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئاپىتى ‏بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى. ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىروئىن چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. بىراق ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولغانلار ئۇنداق بولىشى ناتايىن.