ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئائىلە تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئائىلە تەربىيەسى
ھايات يولىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ
ۋاقتى : 2014-01-18 12:20:20  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : 亚普禁毒网

 ھايات يولىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ


   دوستۇم، سىز بەختلىكمۇ؟ بەختلىك بولسىڭىز، بۇ بەختنى ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ  ياراتقانمۇ؟   ھېلىمۇ ئېسىمدە، باللىق چاغلىرىمدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرسام قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا بولاتتىم، شۇنداق چاغدا رەھمەتلىك دادام: « بالام ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ئۆزۇڭ ھەل قىلىشنى ئۆگۈنىۋال، چۈنكى مەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ مەڭگۈ باقىمەندە ئەمەس» دەيتتى ھەم مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەتتى:  بىر ئادەم يولدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ، ئۇ بىر لەمپىنىڭ ئاستىدا دالدىلىنىپ، بىرەرىنىڭ كىلىپ ياردەم بېرىشىنى كۈتۈپتۈ. ئۇ بىر چاغدا بىرەيلەننىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ: «ئەپەندى، ياردەم قىلغان بولسىڭىز، كۈنلۈكىڭىزنىڭ دالدىسىدا ئۆيۈمگە بېرىۋالغان بولسام» دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ: «-كەچۈرۈڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلالمىغۇدەكمەن، سىزگە مۇشۇ كۈنلۈكلا ياردەم قىلالىغۇدەك، ئەمما بۇنى سىزگە بەرسەم، مەن ئامالسىز قالىمەن؟ يەنە كىلىپ بۇ كۈنلۈك مېنىڭ، شۇڭا ئۇ سىزگەئەمەس، ماڭا دالدا بولىشى كېرەك! سىزگە ھەققىي دالدا بولالايدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈكى» دەپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم خىجالەتچىلىكتىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قاپتۇ.  بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغىنىمغا تالاي يىللار بولدى، بۇ جەرياندا بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسىسىق- سوغۇق ئۆتتى، مېھرىبان دادامدىنمۇ، قېرىنداشلىرىمدىنمۇ ئايرىلدىم، بىراق دادامنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھايات يولۇمنى ئۆزۈمگە تايىنىپ مېڭىشنى، قىيىنچىلىقنى مۇستەقىل يېڭىشنى ئۆگىنىۋالدىم.
  مانا ھازىر ئاتا بولدۇم. جەمىئىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ لەنەتكە تاپقان جازا ئۆتىگۈچى مەھبۇسلارنىڭ ئۆزگەرتكۈچى ئۇستازى بولدۇم. مەنمۇ شۇ تاپتا دادامنىڭ ئەينى يىللىرى ماڭا بەرگەن تەربيەسىنى ئەمدىلىكتە ئاشۇ يولدىن ئازغانلارغا مەرمەكتىمەن.  شۇنداق دوستۇم، ئەگەرئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان ئۇسۇلدا ياشاشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۈم ھايات يۆنىلىشىڭىزنى ياخشى بەلگىلەڭ. ھاياتتا ھېچكىم ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، شۇنداقلا ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايىنىپ ياشىغىلى بولمايدۇ، ھەم ئۇنداق ياشاشنىڭ ھېچقانداق قىممىتىمۇ بولمايدۇ، ئەمما بۇ، ھاياتتا ئادەم يەككە- يېگانە، ھېچكىمنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىسۇن، دېگەنلىك ئەمەس. مۇھىمى قانداق ئەھۋالدا باشقىلاردىن ياردەم سوراش، يەنە قانداق ئەھۋالدا ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى بىلىش كېرەك.