ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئائىلە تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئائىلە تەربىيەسى
« بالا » بولماي ، بالا بولايلى
ۋاقتى : 2014-01-25 11:18:26  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەكبەر جاپپار دەردى

                       

    

 « بالا » بولماي ، بالا بولايلى

 

   يېزىدىكى تۇغقانلارنى يوقلاپ بېرىپ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى كىشىلەر بىلەن   كۆرۈشۈپ بىر نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن  پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق .

ـــ x x دېگەن ئادەم بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىمۇ قانداق  ؟ سورىدىم ئۇنىڭدىن، مەھەللىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە x x دېگەن ئادەمنىڭ  ئوڭ كۆزى ئەتراپىنىڭ ئىششىق ھەم كۆك تۇرغانلىقى ئىسىمگە  كېلىپ .

ــــ ھەي ئۇ بىچارىنى  بىر دېمەڭ  ، شۇ بالىسى دېگەن لۈكچەك ئۈرۈپ تاس قاپتۇ كۆزىنى قۇيىۋەتكىنى .

ــــ نېمە ، بالىسى ئۇرۇپ  دېدىڭىزمۇ ؟، - سورىدىم ئۇنىڭدىن  خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نېمە دېگەن گۇمان بىلەن .

ــــ شۇنداق چوڭ ئوغلى ئۇرۇپتۇ ، ئەگەر ئەتراپتىكىلەر ئاجرىتىۋەتمىگەن بولسا ئىشنىڭ چوڭى چىقاتتىكەن .

ــــ x نېمە گۇناھ قاپتىكەن بالىسى ئۇنداق ئۇرغۇدەك ، - سورۇدۇم ئۇنىڭدىن .

ــــ باشقا ئىشمۇ يوق، دادا بالا ئىككىسى پۇل توغرىسىدا گەپ تەگىشىپ قىلىپ بالىسى  دادىسىنى ئۇرۇپ ئاشۇنداق قىلىۋېتىپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھىلىقى ئادەمنىڭ مەن يېزىغا چىقسام پات - پات ئۇچرىتىپ قالىدىغان مەھەللىدىكىلەر x x   دەپ ئاتىشىۋالغان، گېزىت قەغىزىگە ئورىۋالغان ئاچچىق تاماكىسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، 20 نەچچە ياشلار   ئەتراپىدىكى  بالىسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىچ - ئىچىمدىن لەنەت ئوقۇدۇم .

  ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ،   ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىز پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماي بەلكى باش تارتىپ بولماس  ۋىجدانى  بۇرچىمىز . ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق كۆپ ساندىكى پەرزەنتلەر ئۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ، نۇرغۇن ئارزۇ ئۇمۇتلەرنى كۈتۈپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ئاتا - ئانىلىرىنى جېنىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىپ ، ئۇلارنى بۇ دۇنيادىكى بىردىن - بىر قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلاپ ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ،ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىك ۋە ۋىجدانى بۇرچىنى  تولۇق ئادا قىلىۋاتقان بولسا، ناھايىتى ئاز ساندىكى يېتەرلىك تەربىيە كۆرمىگەن ،ھەر خىل ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئۆزلىرىگە ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالغان ،ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغان  پەرزەنتلەر ،ئاتا - ئانىسى  ئالدىدىكى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى قاقشىتىپ ھەتتا  يۇقارقى  بالىغا ئوخشاش ئۇلارنى  ئۇرۇش ، خورلاشتەك ئىنسان بالىسىغا يات  ئىشلارنى قىلىپ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاقتۇرۋاتقانلىقى كۆزلىرىمىزگە چىلىقىپ قالىدۇ .

  مەن بۇ يازمام ئارقىلىق ئاشۇنداق ئاتا - ئانىلىرىنى خورلايدىغان ئەقىلسىز پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ : سىلەرنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان جاپاكەش ئاتا - ئاناڭلار  سىلەرگە ماڭگۇ باقىمەندە بولمايدۇ ،ئۇلار ئۈستىگە ئالغان ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ، پەرزەنت تەربىيىلەش ،   كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ... قاتارلىق دائىم دېگۈدەك غەمگە  پاتقۇرىدىغان  بىر قاتار ئاخىرى چىقماس  ئىشلار ،  بارا - بارا ئۇلارنى ماغدۇرىدىن كەتكۈزىدۇ .   قىسقىسى ئۇلار بۇ دۇنيادا تارتقان جاپاسىغا تۇشلۇق راھەت كۆرەلمەي ،يەنە شۇ     پەرزەنتلىرىمىز  بىزلەردىن  كېيىن قالسا تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزەر ، ھەي پالانچى بالامنىڭ پوكونچى ئىشىنى بىر تەرەپ قىلالماي قالدىم دېگىنىچە ھامان بىر كۈنى ئارمان بىلەن بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ . ئۇلار بۇ دۇنيادىن كەتكەن ۋاقتىدا ، قانچىلىك پۇشايمان قىلغان بىلەن    ، كېچە كۈندۈز ياش تۆكۈپ  ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان بىلەن  ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار زادى  ئورنىغا كەلمەيدۇ  ، ئۇلارنىڭ بىز ئازار بەرگەن ئاشۇ  تەنلىرى تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپ روھى بارىدىغان يەرگە بېرىپ بولىدۇ . بىزدە قالىدىغىنى پەقەت ھەر دائىم ئۇلارنى ئېسىمىزگە ئېلىپ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندا ،قەبرىستانلىققا يوقلاپ چىققاندا  ئۇلارنى خورلىغىنىمىز ئۈچۈن تارتىدىغان ، ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆز ۋىجدانىمىزنىڭ تۈگىمەس ئازابىلام بولۇپ قالىدۇ خالاس . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئاناڭلار ئۈچۈن ھەقىقى بىر بالا بولۇڭلاركى ھەرگىزمۇ بىر بالا بولۇپ قالماڭلار .