ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولغان قىز ئۆز كۆزىنى ئويۇۋەتتى
ۋاقتى : 2018-03-03 17:46:38  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

«نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىدىكى بىر قىز زەھەرلىك چېكىملىككە ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن پۇرقۇپ چىققان ئىس-تۈتەك ئىچىدە مەستخۇش بولۇپ ھوشىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى ئويۇۋەتكەن، بۇ قىزنىڭ ئاپىسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ پاجىئەلىك ئاچچىق ساۋاقنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق كۆپچىلىككە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن كەيلې مۇسارت (Kaylee Muthart) ئىسىملىك بۇ قىز ياشلىقنىڭ قىران پەسلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قىز زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىن پەيدا بولغان خىيالىي تۇيغۇ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ مەڭگۈلۈك ئەما بولۇپ قالغان.

بۇ قىز ئىزچىل ھالدا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز  زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىن خىيالىي دۇنيادا ياشايدىغان شۇنداقلا  «پەلەك تەتۈر ئايلىنىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغان بولۇپ قالغان.

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز ئەينى چاغدا زور مىقداردا پروپىل گېكسېدرىن دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى گىرىنۋىل خاتىرە دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان، بۇ قىز ھازىر شۇ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

قىزنىڭ ئاپىسى كەتىي تومپكىنس (Katy Tompkins) ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئاللىقاچان كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

قىزنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدىكى ئازابلىق ھېسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىش بولدى، قىزىمنىڭ ھايات قالغىنىنىڭ ئۆزى ماڭا نىسبەتەن زور بەخت».

قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەدىن قاتتىق ئازابلانغان بىچارە ئانا ئىپادە بىلدۈرۈپ، قىزىنىڭ كەچۈرمىشىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق باشقىلارغا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئادىشىپ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«بۇنداق ئىشنىڭ بېشىمىزغا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز، مەن نۇرغۇن ئانىلارغا قىزىمنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردىم، قىزىم 10~15 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا خىرويىنغا خۇمار بولۇپ قالغان، قىزىم ئىلگىرى زەھەر تاشلاش ئۈچۈن 6 ئاي تىرىشىپ كۈرەش قىلغان بولۇپ، مەن قىزىمنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالايلا دەپ قالدىم».

نۇر تورىدىن ئېلىندى

Yarp.jpg