ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر تۇققان قېرىنداشلار
ۋاقتى : 2017-09-25 18:46:01  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20150503085609549.jpg

 مىنىڭ سىلەردىن سورىماقچى بولغىنىم ، يىقىندا مىنىڭ چوڭ ئاكام مۇشۇ نىجىس (ئەيدىز) كىسىلى سەۋەپلىك 42 يىشىدا بىز بىلەن مەزگىلسىز خوشلاشتى. ئاكام توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىنلا ئايالى بىلەن چىقىشالماي ئاجرىشىپ كىتىپ ئايالى بالىنى ئالمىغان ئىدى بۇ چاغدا بالا ئەمدىلا بىر ياشقا كىرىپ ئانىسىنى ئىمىۋاتقان بولسىمۇ (سوتمۇ يەڭگەمگە بۇيرۇغان ) بالىنى تاشلىۋىتىپ كىتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنى ئوتۇرانجى ئىنىم ئاپامنىڭ جاپا تارتىشىدىن ئەنسىرەپ بىقىۋالغان ئىدى. مانا ھەش -پەش دىگۇچە ئارلىقتىن 12 يىل ئۆتكەندە ئاكام ھە دىسىلا ئوڭايلا زۇكامداپ قالىدىغان ، كىچىچە قىزىپ تەرلەپ ، ئىچى سۇرۇيدىغان بوپ بەكلا بوشاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىز ئاكامنى بەلنىستە ياتقۇزۇش ئۇچۇن دۇختۇرغا ئاپاردۇق. ئىككى كۆندىن كىيىن دوختۇر دادام ئىككىمىزنى چاقىرىپ ئاكامنىڭ نىجىس كىسەل بىلەن يۇقۇملانغىنىنى، كۆنلىرىنىڭمۇ ئاخىرقى باسقۇچتا ئىكەنلىگىنى ھەم ئايالى، بالىلىرى بولسا ۋاقتىدا كىلىپ قان تەكشۇرتىشىنى ئىيتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى بىز 5 قېرىنداش دادام بىلىپ ئاپامغان ئاكامنىڭ جىگەردا مەسىلە بار ئىكەن، دەپ قويدۇق. ئاكام ،شۇ ئاغرىغان پىتى 3 ئاي يىتىپ قالدى بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئاغزىلىرى ئويۇلۇپ قاناپ ،گىلىدىن سۇدىن باشقا نەرسە ئۇتمەي، بەئەينى بىز بۇرۇن رەسىملەردە كۆرگەن ئەيدىز بىمارىنى نەق ئەمەليەتتە ئۆز كۆزۆم بىلەن ئائىلەمدە كۆردۇم. بۇ جەرياندا ئاكامغا كىچىك ئىنىمنىڭ خىزمەت ئورنى بولمىغاشقا ئاساسى جەھەتتىن شۇ ئۆزى قارىدى.. شۇ ھالدا ياتقان ئاكام نەق 38 كۆن بولغاندا بىزدىن مەڭگۇلىك ئايرىلدى. ئاكامغۇ كەتتى لىكىن بۇ ئىش بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشمىدى. ئاكامنىڭ قېرقى نەزىرى توشقاندىن كىيىن ئىنىم بىقىۋالغان (ئاكامنىڭ) قىزىنى ئىلىپ يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىغا بىرىپ قىزىنى تەكشۇرتتى. تەكشۇرۇش جەريانىدا بۇ قىزنىڭمۇ يۇقۇملانغانلىغى ئىنىقلىنىپ ئىنىم ئەر-ئايال ئىككىسى ساراڭ بوپ قالايلا دىدى. بۇ ئاز كەپ قالغاندەك كىچىك ئىنىممۇ ئاكامغا قاراش جەريانىدا ئۇمۇ ئۆزۆدىن ئەنسىرگەنمۇ بىر كۆنى كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپلا يىغلاپ كەتتى، مەن ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىغىنى سورىدىم ھەم ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپ قىتىم تۇگەپ كەتكەن ئاكام ئىككىسىنىڭ ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلەتكەنلىگىنى ، شۇڭا ئۆزۆنىڭمۇ تەكشۇرنىپ بىقىش ئويى بارلىقىنى ئاڭلاپ ئانامنىڭ قوسقىدىن 9 ئاي، 9 كۆن شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتىپ مۇشۇنىڭدەك ئىككى مەلئۇننى دۇنياغا ئاپىىرىدە قىلغىنىغا بەكمۇ ئۇكۇندىم. مەن تۇگەپ كەتكەن ئاكامدىن گۇمان قىلاتتىم ، لىكىن ئىنىمنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. نىمىلەرنى دەپ ئىنىمنى تىللىغانلىرىمنى بىلمەيمەن 2 كۆن ئورنىمدىن تۇرالمىدىم، بىچارە ئانام بالىلىرىنىڭ مۇشۇنداق پەس ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرى بىلەنلا بولدى قىلىشماي نارسىدە بالىلارغا يوقتۇرغانلىرىنى بىلسە نىمە بولۇپ كىتەر؟ چوڭلارنىڭ ئۆتكۆزگەن خاتالىغىنىڭ بەدىلىنى نىمىشقا نارسىدە بالىلارمۇ تەڭ تارتىدۇ. 2 قىرىندىشىمدىن كۆڭلىم بەك قالدى. ئانامغا ئىچىم ئاغرىدى. كىچىك ئىنىمنىڭمۇ ئائىلىسى بار بولۇپ 2 قىزى بار ئىدى. بىر ھەپتە چوڭ ئۆيگىمۇ بارمىدىم. ئاپام يوقاپلا كەتتىڭغۇ دەپ تېلفۇن قىپ تۇرىدۇ مىجەزىم يوق دەپ قويدۇم باشقا نىمىمۇ دىيەلەيمەن. شۇ جەرياندا 10 كۆن ئۇتتى. بىركۆنى كەچتە ئوتۇرانجى ئىنىم ئايالى، كىچىك ئىنىم ئايالى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. شۇنداق قارىسام بۇلارنىڭ بىرىدىن بىرى كەيپى ياخشى ئەمەس. يېغىدىن ھەمىسىنىڭلا كۆزلىرى ئىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ مىنىڭمۇ كۆڭلىم بەك يىرىم بولدى. بۇلارنىڭ بۇ ھالىتىدە ياخشى خەۋەرنىڭ يوقلىغىنى كۆڭلىم تۇيۇپمۇ بولدى، لىكىن مەن ئۇلاردىن چوڭ بولغانلىغىم ئۇچۇن ئۆزەمنى تۇتۋالمىسام بولمايتى. مەن جوزا قويۇپ چاي راسلىدىم. نىمە توغۇرلىق گەپ باشلاش ھەمىمىزگىلا شۇنچە بىئەپ تۇيۇلدى، شۇ ئەسنادا كىچىك كىلىنىمىز ئۆزۇنى تۇتۇۋالالماي بەكلا يىغلاپ كەتتى. گەپ قىلىشمىساقمۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ بولدۇم. قانداق تەسەللى بىرىشنىمۇ بىلمىدىم ، بارچە گۇنا ئىنىمدە تۇرسا مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن. شۇ ئارلىقتا بالىلار يادىمغا يەتتى ھەم بالىلارچۇ ؟ دىگەن گەپنى ئارانلا قىلالىدىم . ئوتتۇرانجى ئىنىمنىڭ ئايالى، بۇلارنىڭ 3 كۆن بۇرۇن تۇتىنىڭ بىرىپ تەكشۇرەنگەنلىگىنى چوڭ قىزى ساق چىقىپ ئۈچىنىڭ يۇقۇملانغانلىغىنى ئىيتتى. بىشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۇلغاندەكلا بولدى. بۇلارغا قىتىلىپ مەنمۇ يىغلىدىم، بەشىمىز پۇخادىن چىققۇچە يىغلاشتۇق. ئارىمىزدا بىزگە تەسەللى بەرگۇدەك بىرمۇ كۆڭلى خاتىرجەم ئادەم يوق ئىدى ھەمىمىزنىڭلا كۆڭلى شۇنچە پاراكەندە ئىدى. يىغلاپمۇ ھاردۇق، ھەم بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرلەشتۇق. كىچىك ئىنىمۇ ئۆزۇنىڭ شۇ ئاكامنىڭ ئۆلۆمىدىن ئىبرەت ئالغىنىنى ، ھەم خىلى بۇرۇنلا بۇ ئىشلاردىن قول ئۇزگەنلىگنى ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىپ ئەر-ئايال، س د 4 نى تەكشۇرتۇپ دورا يىيىشكە شەرتى تۇرسا ۋىروسقا قارشى، دورا يەپ زەھەرگە يولىماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بىرىپ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغانلىغىنى دىدى. ئەمدىكى مەسىلە 2 بالىدا قالدى. بىرى 12 ياش. بىرى6 ياش، بۇلارنى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ كىچىگىغۇ تىخى ساددا، دورا ئىچىش توغرا كەلسىمۇ زۇكامنىڭ ، جىگەرنىڭ دىسىمۇ بولىۋىرىدۇ ، لىكىن كۆنلەرنىڭ ئۇتۇشى بىلەن بۇمۇ چوڭ بولىدۇ، ساۋادىمۇ چىقىدۇ بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟ 12 ياشلىق قىزغىچۇ؟ ئۇ قىزمۇ كۆنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۇنىڭ 6 ئايدا بىر يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىغا نىمە ئۇچۇن كىلىپ تەكشۇرنىدىغانلىغىنى سورىسىچۇ؟ تۇيۇقسىز دورا قۇتۇلىرىنى تىپىۋىلىپ چۇشەندۇرۇشلىرنى كۆرۆپ قالسىچۇ؟ بۇلارغا دىسەك تۇيۇقسىز بىرەر يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسىچۇ؟ دىمىسەك بۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى موھىتتا ساپلا قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۆرلەر بار ، بىللە ئويناش جەريانىدا تەڭ يارلىنىپ قان ئارقىلىق باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويسىچۇ ؟ مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرگە كىم مەسئۇل بولالايدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتار مەسىلىلەر باشلىرىمىزنى گاراڭ ، ئەقلىمىزنى ساراڭ قىلۋەتتى. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايىل قىلارلىق مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمەن. ھەم ياشلىرىمىزغا ئىبرەت بولۇشىنى ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشىنى سورايمەن.

Yarp.jpg