ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
‹‹ھايات تولىمۇ گۈزەل ئىكەن››
ۋاقتى : 2017-09-16 16:29:23  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

    ‹‹ھايات تولىمۇ گۈزەل ئىكەن››

 ئامىنە (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) ئەسلىدە بەختلىك، خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈۋاتقان قىز ئىدى، ئەمما ئۇ ئەقىلسىزلىق قىلىپ ياشلىقىنى نابۇت قىلدى...
ئامىنەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئەتىۋارلاپ، ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئاۋايلاپ باقتى. ئامىنە چىرايلىق، ئەقىللىق چوڭ بولدى، ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مەكتەپكىمۇ كىردى. ئامىنە كىچىكىدىن ئەقىللىق قىز بولغاچقا مەكتەپتىمۇ تىرىشىپ ئوقىدى، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۈمىدلىرىنى باغلىدى. ئەمما، رەھىمسىز تەقدىر بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئامىنەنىڭ دادىسىنى ئۇلاردىن ۋاقىتسىز ئايرىدى. بۇ ئازاب ئانا – بالا ئىككەيلەنگە بەكمۇ ئېغىر كەلدى. ئاپىسى قىزىنىڭ بالدۇرراق خىزمەت تېپىپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنى تېخنىكومدا ئوقۇتتى. ئامىنەمۇ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملاپ، 17 يېشىدا خېلى ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تاپتى. لېكىن، ئامىنە ھەر ئايلىق مائاشىنى بولىشىغا خەجلەيدىغان، جەمئىيەتتىكى قىزلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ خىزمىتى كېچە – كۈندۈز ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولغاچقا، بەزى كۈنلىرى كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشكەندە، تاماق يەپ قايتىش باھانىسى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇش ئوينايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزى خېلى ئوبدانلا ‹‹ئېچىلىپ›› قالدى. مانا مۇشۇنداق ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئامىنە ئۆزىدىن يەتتە – سەككىز ياش چوڭ بىر قىز بىلەن سىرداش بولۇپ قالدى. ئۇ قىز خروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغان قىز ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئامىنەدىن ‹‹چېكىپ باقامسىز›› دەپ سورىدى.

[URL]e615db2cae6acdf693b8e1fb3ed30470.jpg

ئامىنە بىر قېتىم چېكىپ باققانغا ھېچنېمە بولماس، دەپ ئويلاپ، دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇنجى قېتىم خروئىن چەكتى، بۇ چاغدا ئامىنە ئەمدىلا 18 ياشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا ئىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى باھانىسى بىلەن ئۇلار دوستىنىڭ يىگىتى قاتارلىق بىر قانچەيلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇلار بۇ سورۇندىمۇ خروئىننى چىقىرىپ چېكىشتى ھەم ئامىنەگە چېكىپ بېقىشىنى ئېيتتى. ئامىنە ‹‹بىرىنچى قېتىم چېكىپ خۇمار بولمىغاندىكىن ئىككىنچى قېتىممۇ خۇمار بولماسمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئاغزىمغا ئالمايمەن›› دەپ ئويلاپ، ئىككىنچى قېتىم خروئىننى ئاغزىغا ئالدى، ئەمما بۇ قېتىم خروئىننىڭ تەمى ئۇنىڭغا تېتىپ قالدى – دە خروئىنغا پۈتۈنلەي خۇمار بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈنلىرى خروئىن چېكىش، خروئىن ئىزدەش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى، خروئىن چېكىشتىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئۆگەندى. ئاپىسى ئۇنىڭ خروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، يىغلاپ قاقشىدى. ئاپىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئامىنە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىمۇ داۋالاندى. شۇ مەزگىللەردە ئامىنە ئەتراپىدا ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقات – ئېلانلارنى، خروئىن چەككەنلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپلا تۇرىدىغان بولدى. 2004 – يىلى ئامىنە بىر تونۇشىنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن قېنىنى تەكشۈرتتى. ئامىنەنىڭ گۇمانىدەك ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئامىنەگە پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇ بىلىندى، ئۇ يىغلىدى، قاقشىدى، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىدى. ئەمما نېمە ئامال بار، ئۇ يەنىلا ئاچچىقىنى زەھەردىن چىقىرىشنى ئويلىدى، پۇلى قالمىسا ئۆيىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ساتتى، ئاپىسىنىڭ نالە – پەريادىغا قۇلاق سالمىدى، خىزمەتتىنمۇ ھەيدەلدى، تۈرمىدىمۇ ياتتى ...
ھازىر ئامىنە زەھەرنى تاشلاپ، ۋىرۇسلۇق داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ بىزگە: مەن ئەقىلسىزلىقىمدىن ياشلىقىمنى نابۇت قىلدىم. رەھمەتلىك دادامغا ۋە مېنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاپامغا يۈز كېلەلمەيمەن. ھازىر جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا ئادەمنى مەست قىلىدىغان دورىلارنى يەيدىغان ئىشلار باش كۆتۈرۈپ قالدى. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، سىلەرنىڭ بۇ يولنى تاللىغىنىڭلار ئەيدىزگە يېقىنلاشقىنىڭلار، ۋاقتىدا بۇ يولدىن قايتىڭلار، ھاياتىڭلارنى قەدىرلەپ، ئاتا – ئاناڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ياشلىقىڭلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭلار. ھايات تولىمۇ گۈزەل، قىممەتلىك ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

Yarp.jpg