ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئايالنىڭ ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ئەيدىز بولغانلىقى مەلۇم بولدى
ۋاقتى : 2018-03-07 12:28:19  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 سىنا تورى خەۋىرى

tor 14.png

28-فېۋرال، خۇنەن ئۆلكىلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا دوختۇلار HIV دىن يۇقۇملانغان بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلغان.

بۇ ئەسلىدە بىر ئادەتتىكى سۇنغان سول ئوقۇرەك سۆڭىكىنى كېسىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئىچىدىن مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى بولۇپلا قالماي يەنە بىر ئالاھىدە ئوپېراتسىيە ئىكەن. بىمار بىر 55 ياشلىق ئايال بولۇپ، ئۇ قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن يارىلانغان يەنە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

بىر ھەپتە ئىلگىرى بۇ بىمار بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مېڭىسىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەمما HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان. چۈنكى زەخىملىنىش ئەھۋالى ئۈچۈن، ئۇ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىكەن.

بۇ ئالاھىدە ۋە جىددىي ئوپېراتسىيە ئۈچۈن دوختۇرلار «قوش قەۋەتلىك» مۇداپىئەلىنىپ كىرگەن. 3 سائەتلىك ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇرلار چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن.

ئەيدىز كېسىلى جىنسى ئالاقە، قان ۋە ئانىدىن ھامىلىگە يۇقىدىغان بولۇپ، قان ئارقىلىق يۇقۇشى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيىنىڭ خەتىرىمۇ، قويۇلىدىغان تەلىپىمۇ باشقا ھەرقانداق ئوپېراتسىيەگە قارىغاندا قاتتىق ئىكەن. گەرچە بۇ ئوپېراتسىيىنىڭ خەتىرى شۇنچىۋالا ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن بەختكە يارىشا ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

ھاياتنى قەدىرلەپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى

ھازىرچە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا يوق، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىلغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا يەنە ئادەتتىكى ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز پەقەت نامۇۋاپىق بولغان جىنسى مۇناسىۋەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز، زەھەرلىك چېكىمدىن يىراق تۇرۇشىمىز ۋە چەكلىشىمىز، باشقىلار ئىشلەتكەن ساقال تىغى ۋە چىش چوتكىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىمىز، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە چوقۇم لاياقەتلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرۈنىشىمىز، قان ئالدۇرغاندا ۋە قان قوبۇل قىلغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك ۋە تازىلىققا دىققەت قىلىشىمىز شۇنداقلا لاياقەتسىز ياكى ئىجازەت كېنىشكىسى يوق ئورۇنلاردا چىش تارتقۇزۇش، يىڭنە سانجىش، چوڭ-كىچىك ئوپېراتسىيە قاتارلىقلارنى قىلدۇرماسلىقىمىز، دېزىفېكسىيەلەنمىگەن بۇيۇملار ئارقىلىق قۇلاق تەشكۈزمەسلىكىمىز، بەدەنگە چەكمە چەكتۈرمەسلىكىمىز ياكى ھۆسىن تۈزەتمەسلىكىمىز كېرەك.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg