ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻨﯩﯔ يەنە ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﻯ
ۋاقتى : 2017-07-03 12:37:39  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ-ﺟﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ-ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ئېلىپ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﯩﻲ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ-ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ.
ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻣﯘﻏﺎﻟﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺷﯘ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ، ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﺠﯩﻨﺴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭمەندە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ . » ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎيتتى . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﻻﭘﻪﺕ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
1980- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺲ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ، ﻟﯧﻨﺒﺎ ﺑﻪﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﺵ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻏﺎﺯ ئېغىزى ﺷﻪﻛﻠﻠﯩﻚ ﭼﺎﻗﺎ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. 70-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﯗﭖ ﯞﻩ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. 1982- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ «ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ » ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻣﻼﻧﺪﻯ. 1983- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻦ HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ 17 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﭖ 2000-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ 5000 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﻛﺎﺭﻧﺎﻣﯩﺪﻩ، HIV ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.
دېمەك «ئەيدىز» دېگەن بۇ نام 1982-يىلى رەسمىي بارلىققا كەپتىكەن. ئۇنداقتا، بۇ كېسەللىكنىڭ كېيىنكى تارىخى تەرەققىياتى قانداق بولغاندۇ؟
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﻩﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﻟﺌﯘﻥ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﺪﻩﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﻛﯚﻛﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﻤﯘ-ﻗﺎﺕ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭ ﻣﯘﺩﯨﮭﯧﺶ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﺍﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. 1987- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎيىقى ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﯨﻠﯩﻘﻼﭖ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﻮﻳﺎﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﻣﯩﺪ-ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺳﻪﻝ-ﭘﻪﻝ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﺎﻣﺴﻠﯩﻘﻰ، ﮬﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ نىسبەتەن قارىشىلىق ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ ﻳﻮﻏﺎن ﺷﺎﺭﻏﺎ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺗﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭼﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯟﯗﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﻪﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻛﯚﺭﻩﺷﺘﻪ ﮬﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ.
ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩى ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﺷﯧﺨﻰ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ، ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻛﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﭘﺎﻻﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺳﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﭖ، ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﺳﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﯞﻩ ﺋﯚكۈنۈش، ﻧﺎﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ئېچىنىشلىق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻧﯚﻝ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﮔﻪﻟﻠﻪﭖ ﺭﻭﮬﺴﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ-ﺳﯧﺴﺘﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ، ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﭘﺎﻻﺱ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯘﯞﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻮﺭﻗﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﺘﯘﺭ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ دەججالنىڭ ﺳﻪﺳﻜﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﭙﻤﯘ ﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﻟﻤﺎﭖ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﯘﺷﻤﯘ-ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺭﺍﺵ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻤﺎﻥ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﭘﺎﻛﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭﺩﻩ ﺩﯗﺑﯘﻟﻐﺎﻥ-ﺳﺎﯞﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺘﻰ……..