ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
كۇچا ناھىيىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۇنسىرى كۆپەيمەكتە
ۋاقتى : 2016-09-08 17:21:54  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

كۇچا ناھىيىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۇنسىرى كۆپەيمەكتە


كۇچا ناھىيىسى 2008 يىلدىن باشلاپ، ئەيدىز كىسىلى، سىفلىس كېسلى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن-بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىزچىل ئەمىلىلەشتۇرۇپ، «تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش»، «ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش» ۋە «تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش» نىسپىتىنى %100 گە يەتكۈزۈپ ئىشلەپ، ئۆتكەن سەككىز يىلدىن بۇيان، « ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى باشتىن-ئاخىر قوللانغان كېسەل ھامىلدار ئايالدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار» 18 ئايلىق بولغان تەكشۈرۈشتە، ھەممىسى ئەيدىز كېسەل بىلەن يۇقۇملانمىغان بۇلۇپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە كۈرۈنەرلىك ئۇنۇم ھاسىل قىلغان ئىدى. لىكىن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ سانىنىڭ كۇنسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقىنى ئاسىراش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلگە بۇلغان چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىل بۇلىشى، ئاساسى قاتلام خىزمىتىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى، بۇلۇپمۇ بىر قىسىم سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ئاقما نۇپۇس ئائىلىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بۇلالماسلىقى، بىر قىسىم ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان ئائىلە تۇغۇنتىن بۇرۇنقى مۇلازىمەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قېچىپ يۇرۇشى قاتارلىق سەۋەپلەردىن، بىر قىسىم ئاياللار ئەيدىز كېسلى قاتارلىق ئانىدىن-بالىغا يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە قارىتا تەكشۈرتمەي، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەي ياكى بىلسىمۇ سەل قاراپ، بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كېسلىنى نارسىدە بالىغا يۇقتۇرۇپ قۇيدىغان ئەھۋال يەنىلا يۇز بەرمەكتە، شۇ سەۋەپتىن قۇرامىغا يەتمىگەن يۇقۇملىنىپ قالغان بالىلارنىڭ سانى كۇنسىرى كۆپەيمەكتە!
كۇچا ناھىيلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن: غولامجان