ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قايسى كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
ۋاقتى : 2016-04-05 12:45:49  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قايسى كىسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

 

ئىممۇنىت سېستىمىسى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن يامان سۇپەتلىك ئۆسمىگە بولغان قارشىلىق كۇچى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنى بىز پۇرسەت خاراكتىرلىق يۇقۇملۇنۇش دەپ ئاتايمىز.
تۆۋەندىكىلەر يەر شارىدىكى بىر قىسىم ئەڭ كۆپ كۆرۇلىدىغان ئەيدىزگە ئالاقىدار پۇرسەت خاراكترلىق يۇقۇملىنىش ۋە كىسەللىكلەر:
مەسلەن: ئوپكە تىبركليۇز، قۇش بىرلەشمە تاياقچە باكتىرىيەسى ، باكتىرىيە مەنبەلىك ئوپكە ياللۇغى ۋە قاندىن زەھەرلىنىش تۇرىدىكى باكتىرىيەلىك كىسەللىكلەر.
يەنە كاشى ئوپكە خالتىلىق قۇرۇت مەنبەلىك ئوپكە ياللۇغىPCP) ,(ياسىمان تەنچە كىسىلى، ئاناپ لازما كىسىلى،يۇشۇرۇن قاپلىق قۇرۇت كىسىلى، كالا تەمرەتكىسى، لېيشمانىيە كىسىلى قاتارلىق پىروتۇزالىق كىسەللىكلەر.
ھەقىقى باكتىريە مەنبەلىك كىسەللىكلەر: تەسۋىسىمان باكتىريە كىسىلى ،يۇشۇرۇن شارچە باكتىريەسى، مارىنا پىنسىلىن كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر.
غايەت زور ھۇجەيرىلىك ۋىروس: ئاددى قوقاق، بەلۋاغسىمان قوقاق،قاتارلىقلار ۋىروس تۇردىكى كىسەللىكلەر.
ئەيدىز ۋىروسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆسمىلەر مەسلەن:كابوشى مۇسكۇل ئۆسمىسى، لىمفا ئۆسمىسى ۋەھۇجەيرىلىك راك قاتارلىقلار.
ئەيدىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاسانلا تىبركليۇز، بەزگەك، باكتىرىيلىك ئۆپكە ياللۇغى، قوقاق، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىريەسى مەنبەلىك تىرە ياللۇغى ۋە قان بۇزۇلۇش كىسىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ.كىشىلەر نورمال ئىممۇنىت سېستىمىسىگە ئىگە بولسىمۇ يەنىلا كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.بىراق ئەيدىز ۋىروسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىسەللىك يۇز بىرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ ھەمدە ساغلام ئىممۇنىت سېستىمىسىگە ئىگە كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەيدىز ۋىروسىنى ئېلىپ يۇرگۇچىلەرنىڭ ئەسلىگە كىلىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
ئىممۇنىت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كىسىلى ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا كاشى ئۆپكە خالتىلىق قۇرۇت مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى،ياسىمان تەنچە كىسىلى، يۇشۇرۇن شارچە باكتىرىيەسى قاتارلىق پۇرسەت خاراكتىرلىق يۇقۇملۇق كىسەللەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ، بۇ يۇقۇملىنىشلار بەزى ئوخشاش بولمىغان ئەزالارغا تارقىلىدۇ،بۇ خىل ھادىسنى ”تارقىلىش خاراكتىرلىق“ ياكى ”سېستىما خاراكتىرلىق“ كىسەللىك دەپ ئاتايمىز.ئاخىرقى باسقۇچتا كۆرۇلىدىغان كوپلىگەن پۇرسەت خاراكتىرلىق يۇقۇملۇنۇشلار جانغا زامىن بولىشى مۇمكىن.

مەنبە: 99 ساغلاملىق تورى