ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان سىتودىنتنىڭ كەچۈرمىشى
ۋاقتى : 2015-09-18 16:33:19  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش سالاھىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى


يېقىدا سەھىيە ۋە مائارىپ ئورگانلىرى چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇش ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر ئەمەلىيەتنى ئەكىس ئەتتۈردى: يېقىنقى يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەممىسىنىڭ دىگىدەك ساغلام بولغان ئوقۇش مۇھىتى بۇلغاندى. جەمىيەتنىڭ ئەيدىزگە بولغان خاتا چۈشىنىشى ۋە قورقۇنىشىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مۇشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىنى ھېس قىلدۇرالمىدى. بەزىلەر ھەتتا مۇشۇ تۈپەيلى نورمال ئوقۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقاندۇ؟ كۈنسىرى زورىيىپ مېڭىۋاتقان بۇ بىر ئالاھىدا ئادەملەر توپىغا قارىتا، ئالىي مەكتەپ، كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋە جەمىيەت پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى زادى قانداق رولنى ئوينىشى كېرەك؟ قانداق قىلىپ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ قاراڭغۇ پەردىدىن يول تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟
جۇڭگو ئاۋازى پىروگگىراممىسى بۈگۈندىن باشلاپ بىر قاتار پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويدى؛«ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملۇنىش ئەھۋالى»، تەكشۈرۈلگەن كىشىنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىر قىسىم زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى كومپىيوتىردا تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىسملىرىنىمۇ يالغان ئىسىم قىلىپ چىقارغان.
بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن زىمىڭ، جاڭسۇدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ. يىل بېشىدا ئوپىراتسىيەدىن بۇرۇنقى قان تەكشۈرۈشتە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ بايقالغان. رەھىمسىز ئەمەلىيەت ئالدىدا، ئۇ تېخى ئەسھۇشىنى تاپالماي تۇرغاندا، يەنە بىر قاتار زەربىلەرگە ئۇچىرىدى. يۇقۇملانغانلىق خەۋىرىنى ياتاقدېشى بىلىپ قالغانلىقى تۈپەيلى، مەكتەپكە خەۋەر قىلىۋەتكەن ئىدى.
زىمىڭ مۇنداق دېدى:‹ شۇ ۋاقىتتا يىتەكچى ئوقۇتقۇچى مىنى پاراڭلىشىشقا چاقىرغان ئىدى، كېيىن مىنى زورلاپ قانداق يۇقۇملانغانلىقىمنى دېگىلى سالدى، ئاندىن مىنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى يىل ئوقۇشتىن توختاڭ دەپ تۇرىۋالدى. لېكىن مەن ئوقۇشتىن توختىساملا قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاشقا قەتئي قوشۇلمۇدۇم. كېين ئۇمۇ ئامال قىلالماي، مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلدى.›
‹ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش›، زىمىڭنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى، سەن بولساڭ بىزنىڭ مەكتەپتىكى تۇنجى ئەيدىز بىمارى، شۇڭا ئالدىڭدا ئىككىلا تاللاش يولى بار، ياكى بولمىسا ئىككى يىل ۋاقىتلىق ئوقۇشتىن توختايسەن، ياكى بولمىسا ئۆزۈڭ يالغۇز بىر ياتاقتا ياتىسەن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملۇنۇپ قالغاندىن كېيىن، ئەمدى ئوقۇش پۇرستىدىن مەھرۇم قېلىش، ئەمدىلا يىگىرمە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ياش ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بارلىقىنى تارتىۋالغانلىقتىن دېرەك بىرەتتى. جىددىي ئەھۋالدا، زىمىڭ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان نەنجىڭ كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكى دوختۇرنى ئەسكە ئالدى.
زىمىڭ:‹مەن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىغا كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكى دوختۇرلارنى چاقىرىپ كېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئېيتتىم، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمۇ قوشۇلدى.›
كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن ئىككى دوختۇر كېلىپ، زىمىڭنىڭ يىتەكچە ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ دوختۇرخانىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن خېلى ئۇزۇن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
زىمىڭ:‹كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ دوختۇرلىرى ئۇلارغا كېسەلنىڭ ئەھۋالى، تارقىلىش يوللىرى ۋە مىنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ياشىسام، بىللە تاماق يېسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە مىنىڭ دورا يەۋاتقانلىقىمنى، ۋىرۇسنىڭ كونتىرول قىلىنغانلىقىنى، يۇقۇمچانلىقى تۆۋەنلەپ ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپمۇ شۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەم بولدى.›