ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ
ۋاقتى : 2015-04-27 11:45:17  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ھەممە ماڭا نەچچە خىل گۇمانى نەزىرى بىلەن قارماقتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ئاكام ، ئاچام ، سىڭلىم، ھەتتا مەن بىلەن شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتلار بىرگە يۈرگەن دوسلۇرۇممۇ بار. يولدا كىتۋاتقىنىمدا بولسۇن ، سودا سارايلاردا بازار ئايلىنىپ كىتۋاتقىنىمدا بولسۇن، تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرغان ياكى ئاشخانلاردا تاماققا كىرگەن ۋاقتىم بولسۇن ھەممە ماڭا شۇنداق قاراشماقتا.

بەزىلەرنىڭ يىندىن ئۆتۈپ كىتۋاتقىنىمدا ، قارا ئاۋۇ بالىچۇ دادىسىنىڭ تاپقان پۇلىغا قىمار ئويناپ، پاھىشلەر بىلەن كىچىسى ياتاقلاردا بىللە يىتىپ ئەيدىز بوپ قاپتۇ دىسە ، يەنە بەزىلەر ئاۋۇ ئاداش ئاق چىكىپ ئاخىرى ئەيدىز بوپ قاپتۇ دىگەندەك خىلمۇ خىل گەپلەرنى بىر بىرىگە قىلىشماقتا. سىڭلىم بولسا مەندەك بىر ئاكىسىدىن كەچكەن ئىدى . سەن بىزنىڭ ئەۋلادلىرمىزنىڭ يۈزىنى قارا قىلدىڭ . نىجىس ئاقنى چەكتىڭ . ئەمدى سەندەك ئاكام يوق يوقال ! دەۋەتكەن ئىدى . ئاكام بولسا سەن نەدىكى پاسكىنلار بىلەن يۈرۈپ بۇ نىجىس كىسەلنى يۇقتۇرۇپ كەپسە ئەمدى ئۆيگە دەسسىگۈچى بولسا . ئۆيگە كىرسەڭ يا ئۆيدە سەن تۇرسەن يا مەن تۇرمەن دىدى. ئاچام بولسا بىر ئىغىزمۇ تىنمىدى لىكىن ماڭا ئىچىدە نەپرەت ئوقۇپ تىللاپ قارغاپ قىلۋەتكەنلىكى كۆزىدىن چىقىپلا تۇراتتىن . دادا بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . يوقلاپ باراي دىسەم تىخمۇ ئىغىر بوپ كىتشىدىن ئەنسىرەيتىم ، شۇڭلاشقا بارمىدىم . مەن ئالماقچى بولغان قىز تىخى خەۋەر سىز ئىدى ، بەلكىم بىلىپ بولغاندۇ . ئۇمۇ نەچچە مىڭ خىياللاردا بولغاندۇ . ئاكام ، ئاچام سىڭلىمغا چۈشەندۈرۈشكە قەتئىيلا پۇرسەت بولمىدى. بىردىن بىر مىھرىبان ئاناملا ماڭا ئىشىنەتتى، ئانامغا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى بىرنىمۇ قويماي ئىيتىپ بەرگەندە ئانام يىغلاپ تۇرۇپ ، نىممۇ قىلاتىڭ جىنىم بالام جان قۇتقۇزمەن دىگۈچە ئۆزۈڭنىڭ جىنى بىلەن بولساڭ بولماسمىدى دەپ مىنى باغرىغا بىسىپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەندى.

بىز تۆت بالا ئالتە جان ئىدۇق . دادامنىڭ كىچىك بولسىمۇ بىر شىركىتى بار. ئاكام بولسا دۆلەت كادىرى. ئاچام ئوقۇتقۇچى،سىڭلىم ئالى مەكتەپكە بۇ يىل يۇقۇرى نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىنغاندى. مەن كىچكىمدىن كىسەلچان بولغاچقا مەكتەپتە تۇلۇق ئوقيالماي دادامنىڭ شىركىتىگە قاراشقان ئىدىم.

ئائىلىمىز شۇنداق بەختلىك ئىدى .

بىر كۈنى شىركەتتىن كەچراق قايتتىم ، ئۆيگە كىتۋاتسام بىر يەردە قاتناش ۋەقەسى بوپتۇ خىلى ئىغىركەن، شۇنىڭ بىلەن ماشىنامنى بىر چەتكە قويۇپ جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ياردەملىشىپ ماشىننىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنى ماشىندىن چىقاردۇق . ماشىنىدا تۆت ئادەم بولۇپ ئىككىسى ئوغۇل ، ئىككسىى قىز ئىدى . بىر قىز خىلى ئىغىر يارلانغان، يەنە بىرسىنىڭمۇ يەڭگىل دىگەندە پۇت قوللۇرى سۇنغان ئىدى . ئوغۇللارنىڭمۇ ئىغىر ئىدى . بىرنىڭ تىنقى توختاپ بولغان يەنە بىرنىڭ ھەممە يىرى قان.ماشىنىدىن چىقارغۇچە ئەكنەكنىڭ سۇنقى بىلكىمنى ئازراق كىسىپ قان چىقىرۋەتتى ، جان قۇتقۇزۇش مۇھىمدە ، بىلكىم بىللەن كارىم بولماي ماشىنىدىكىلەرنى تەستە ماشىنىدىن چىقاردۇق. بىرى ئۆلەەن بولدى . ئۈچەيلەننى جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسا دوختۇرغا ئىپ ماڭدى . مىنىڭ بىلكىمنىمۇ بىر سىستىرا ئازراق دورا سۈركەپ تىڭىپ قويدى . مەنمۇ ئۆيگە قايتتىم .ئۆيگە كىرسەم ئانام كۆرۈپ ۋاي جىنىم بالام قۇلۇڭغا نىمە بولدى دەپ يۈگرەپ كەلدى بولغان ئىشلارنى بىر قۇر دەپ بىرىپ تامقىمنى يەپ كىرىپ ياتتىم مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئازغىنى كەم بىر يرىم يىل بوپتۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئۆيدىكىلەرنىڭ زورىلىشى بىلەن ، ئۇزۇندىن برىى يۈرۋاتقان قىز دوستۇم بىلەن توي قىلىشقا ئۆيدىكىلەر دىيشىپ، توي خىتىگە كەلگەن ئىدۇق . بۇ يەردە بەدەن تەكرۈشتۈپ ، قان تەكشۈرتۈپ كىرىڭلا دىگەندىن كىيىن چىقىپ ھەممىنى تەكشۈرتۈپ كىردۇق ، نەتىجىسى ئەتە چىقىدۇ ئەتە كىلىڭلا دەپ يولغا سالدى. ئەتىسى بارسام قىنىڭىزدا ئازىراق مەسىلە باركەن ئۈچ كۈندىن كىيىن كىلىڭ چوڭ قان تەكشۈرەش ئورنىغا يوللاپ بەردۇق دىدى . ئۈچ كۈندىن كىيىن بارسام بىر دوختۇر مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ ئەكرىپ ، بىردەم پاراڭلاشتۇق ، ئۇيان بۇياننىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بىردەم ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق . ئاندىن ماڭا ئۇدۇل قاراپ تۇرۇپ .ئۇكام مەن ساڭا بەزى بىر گەپلەرنى دىمەكچى بەرداشلىق بىرەلەمسەن، دەپ سوردى ، مەنمۇ جاۋابەن بشىمنى لىڭىشتتىم ، دوختۇر باشلىدى .سەن بۇرۇن نىمە ئىشلارنى قىلغان؟ ئاق چەككەننمۇ؟ ياكى بىرە كىچە بىلىپ بىلمەي ياتاقتا بىرەسى بىلەن يىتىپ قالغانمۇ ؟ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ ، نىمە دەۋاتسىز دەپ چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. دوختۇر ئۆزۈڭنى بىسۋال ئۇكام ، ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى ئىيتاي لىكىن ئۆزۈڭنى بىسۋال ، باتۇر بول دىدى. سەل جىددىيلىشىشكەن بولساممۇ ئاۋازىمنى تەستە چىقرىپ ئاران نى نىمە شۇم خەۋەر دەپ سوردۇم.دوختۇر ئىغىر بىرنى تىنۋىتىپ، سەن ئەيدىز كەنسەن ،

ئەيدىز دىگەن گەونى ئاڭلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلشۇپ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم ، دوختۇر ماڭا يەنە گەپ قىلۋاتقان بولسا كىرەك لىكىن بىر ئىغىز گىپىمۇ ماڭا ئاڭلانمايتى ،ئاڭلىيالمايتىم.شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن. كىيىن ئاكامنى چاقىرتىپ بولغان ئەھۋاللارنى دەپتۇ ، ئاكام بولسا ھەممىنى ئۆيدىكىلەرگە دەپ بولغان بولۇپ بايقىدەك پاجىئە كەپ چىققان ئىدى. ئەمدى كىملەرگە چۈشۈندۈرەي .كىملەردىن قىچىپ يۈرەك ، بۇنىڭدىن كىيىن نىمە ئىش قىلاي ماڭا ھىچ كىم ئىشەنمەيتى . كۈنلۈرۈم بىر خىل قورقۇنۇش ،ئازاب ، روھسىز ، خۇددى جىنى چىقىپكەتكەن ئادەمدەك ئۆتمەكتە . نەچچە كۈن تالاغىمۇ چىقماي دادام مىنىڭ تويۇمغا ئاتاپ ئىلىپ بەرگەن ئۆيدە ئىغزىمغا گىياھ سالماي يىتىپ كەتتىم . ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە بارماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلدىم. قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيدىن چىقتىم دە ماشىنامغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردىم. ئىزدەپ دىگەندەك تەستە مىڭىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىكى مەن ياردەملىشىپ كىچىدە ماشىنا ۋەقەسدە بار بولغان بىر دوختۇرنى تاپتىم ، ئاندىن بولغان ئەھۋالالرنى دەپ يىغلاپ كەتتتىم . ئۇ دوختۇرمۇ بەكلا ھەيران قالدى ھەم ماڭا ئىچ ئاغىرتىپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردى. ئۇنىڭغىچە ھىلقى سىسىتىرامۇ كەلدى بولغان ئىشلارنى بىلگەن چىغى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ياش تۆكۋاتتاتى. ئائىلەمنىڭ ئىشلىرى ئۇققاندىن كىيىن بىر سىسىتىرا ئىككى دوختۇر مەن بىلەن دادامنىڭ يىنىغا يوقلاپ باردۇق، ھەم دادامغا بولغان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر ئىيتتۇق . داداممۇ ئەمدى ھەممىنى بىلگەنمۇ بولدىيۇ لىكىن يەنلا بۇ قاباھەتكە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئاقلاندىم، لىكىن بەدىنىمدىكى بۇ كىسەل مەڭگۈ ئاقلانمايدۇ .

ئايگۈلمۇ(مەن توي قىلماقچى بولغان . بىردىن بىر ياخشى كۆرىدىغان قىز) بارلىق ئىشلاردىن خەۋەر تىپىپ بولغانكەن. ئۆيگە يوقلاپ كىلىپ، ماڭا ئىسلىپ تۇرۇپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلار ھەممىگە ئايدىڭ بولدى.

ئايگۈلمۇ ماڭاكۈندە دىگۈدەك ھەمراھ ئىدى. ھاياتىمنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ بىرگە ئۆتەي دەپ بىللە تاماق يەپ ، بىللە ئايلىنىپ دىگەندەك.

ھاياتىمنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ، بىلمەيمەن ، قاچان ،قانداق ۋاقىتتا، قەيەدە ئۇ ئالەمگە كىتشىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسىمۇ ئازراق ياخشى ئىش قىلاي دەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىقات ئورنىدا پىدايى بولدۇم .