ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
بىر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بايانى
ۋاقتى : 2015-03-03 10:24:38  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 مەن ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئورۇندا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. كېچىسى ئىشلەيتىم، كۈندۈزى بىكارچىلىقتا جەمىيەتتىكى يامان بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ زەھەر چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. 
  مەن بۇ يىل 32 ياش، ئەيدىز توغرىلىق تىلىۋىزورلاردا جېق كۆرگەن. لېكىن 2013-يىلى 9-ئاي مەزگىللەردە قانداق بولۇپ ئىشلىتىپ كەتتىم، باشقىلار ئىشلەتكەن ئىشپىرىسنى مەن ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا ئۆلىدۇ دېگەننى ئويلاپ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپتىمەن. تېخى كۈلكۈلۈك يېرى، ھېلىقى ماڭا ئەيدىزنى يۇقتۇرغان گۇيغا زەھەر ئېلىش ئۈچۈن 200 يۈەننى مەن بەرگەن. مەندە باشقىلاردەك خۇمار يوقتى، ئايدا بىرەر قېتىم ئاشۇ چېكەرمەن دوستلىرىم ئۇچراپ قالسا چېكىپ قۇياتتىم.  
  شۇنداق قىلىپ، 2014-يىلنىڭ ئاخىرى توي قىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرگەندە ئۆزەمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلدىم. ھازىر ماڭا بۇ كېسەلنى بىلگىلى تۆت ئاي بولدى. كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز، ئۆيدىن تالاغىمۇ چىققىم كەلمەيدۇ. مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىم بار ئىدى. ئەمدى مەن تۈگەشتىم، مەن ئۆيدە بىرلا ئوغۇل، دادام تۈگەپ كەتكەن، ئاپام بار، كېسىلىمنى بىلمەيدۇ، دېمىدىم، چۈنكى ئاپام 60 تىن ئاشتى، بۇنى ئاڭلىسا
ئاپامنىڭ قان بېسىم كېسىلى بار. 
  ئەمدى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ، بۇرۇن قىلالمىغان ياخشى ئىشلارنى قولۇمدىن كېلىشىچە قىلىپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى بۇرۇن ئوقۇمىغان نامازنى ئوقۇپ، ئاللاھدىن قىلغان گۇناھلىرىمغا تۆۋە قىلىپ ئۆتۈشنى ئويلاۋاتىمەن. 
  ئاخىرىدا ماڭا ئوخشاش مۇشۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان كىشىلەرگە ئاللاھدىن ئۇزۇن ئۆمۈر تېلەيمەن. مۇشۇنى ئوقۇغان تورداشلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، زەھەرگە ھەرگىز يېقىن يوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مەن پۈتكۈل دۇنيادا ئۇچرايدىغان زەھەردىن يۇقتۇرىۋالغان بولساممۇ، مەنمۇ ئۆزەمنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ بىلىمەن. چۈنكى، ھېلىقى ماڭا كېسەل يۇقتۇرغۇچى ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ماڭا يۇقتۇرغان.