ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ب د ت: ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 13 نەپەر بالا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ
ۋاقتى : 2020-01-12 23:14:58  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ب د ت: ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 13 نەپەر بالا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ


    
ب د ت يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش دورىلىرىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، دۇنيادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 13 بالا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

  ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF ) ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئەيدىز كېسىلى يەر شارى دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلە بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن، بالىلارغا بولغان تەھدىتىمۇ ئىنتايىن چوڭ ئىكەن، 2018-يىلى يەر شارىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پەقەت %50 بالىلارلا زۆرۈر داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 13 بالا ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

UNICEF نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى فول مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەر بولىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ ئانىلار تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارغا ئېرىشىپ، بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇ نىسبەت 2010-يىلدىكى %44 تىن 2018-يىلىدىكى %82 كە ئۆرلىدى، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى دۆلەتلەر ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا(%92) تۇردى، ئۇنىڭدىن قالسا، ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى رايونى(%79)، غەربىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا(%59)، جەنۇبىي ئاسىيا(%56)، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى(%55)، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونى(%53)، شۇڭا بىز يەنىلا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى زۆرۈر بولغان داۋالاشقا ئېرىشتۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە.

UNICEF نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالىلارنى داۋالاش پۇرسىتى جەھەتتە رايون پەرقى مەۋجۇت بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى داۋالاش پۇرسىتىنىڭ نىسبىتى %91 كە، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ %73 كە، ئافرىقىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىنىڭ %61 كە، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ %61 كە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ %46 كە، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ %28 كە يېتىدىكەن».

مەنبەسى: نۇر تورى