ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئاياللار نېمىشقا ئاسانلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟
ۋاقتى : 2018-02-13 17:33:01  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 1. ئاياللار ئاسانلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنامدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئانالىزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئاياللارنىڭ نىسبىتى يىلسېرى ئۆرلەپ، بەزى رايونلاردا ھەتتا ئەرلەرنىڭ نىسبىتىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ ياكى ئېشىۋاتىدۇ.

نېمىشقا ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ؟ فىزىئولوگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، جىنسىي ئالاقىدە ئاياللارنىڭ ئۇچرىشىدىغان شىللىق پەردە دائىرىسى چوڭ بولغاچقا، ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

2. ئەيدىز قايسى يوللار ئارقىلىق يۇقىدۇ؟

ئەيدىز تىلغا ئېلىنسا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ھەمجىنىسلار مۇھەببىتىدۇر، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ يۇقىشىدىكى يوللارنىڭ بىرى. ئادەتتە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يولى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ:

يۇقۇملانغۇچى بىلەن (مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن) قوغدىنىشسىز (گاندون ئىشلەتمەي) جىنسىي ئالاقە قىلىش.

يۇقۇملانغان قان سېلىش.

يۇقۇملانغان ئوكۇل يىڭنىسى، يىڭنە نەيچىسى ياكى بىسلىق قوراللارنى ئورتاق ئىشلىتىش.

ھامىلدارلىق، تۇغۇتلۇق ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى.

ئادەتتە، قان بېرىش ياكى ئورتاق ئىشپىرىس ئىشلىتىپ يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ئالامەتسىز مەزگىلى 5-4 يىلغىچە، جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13-11 يىلغىچە بولىدۇ. يەرشارىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇملىنىدۇ.

3. ئاياللار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟

1) ئاياللار ئالدى بىلەن خەتەرلىك جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى، جىنسىي ئالاقىدە چوقۇم قوغدىنىش تەدبىرى (گاندون) ئىشلىتىشى كېرەك.

2) زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىكى، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

3) جىنسىي ھەمراھنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ساقلىنىپ، تەننى پاك تۇتۇش كېرەك.

4) زۆرۈرسىز قاننىڭ ئېقىشى، مەسىلەن، ھۆسن تۈزەش، تەن چەكمە، قۇلاق تېشىش، پۇتنىڭ تىرناقلىرىنى ۋە قاداقلىرىنى ئالدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلارنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا ئەرزان باھالىق ھەم سەھىيە لاياقەتلىك كىنىشكىسى يوق ئورۇنلارغا بېرىپ، بۇ خىل يۇقىرى خەۋپلىك مەشغۇلاتلارنى قىلغۇزماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇلارغا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار قاتتىق دېزىنفىكسىيەلەنمىسە، ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

5) سىرتتىن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئاياللارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق بولۇپ، كۈندىلىك خىراجەتنى تېجەش ئۈچۈن، دائىم بىر نەچچەيلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چىش پاستىسى، چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

6) ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىشى، تازىلىق بۇيۇملىرىنى قالايمىقان تاشلىماسلىقى كېرەك.

7) خىزمەتتە، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدە ياكى ئۇرۇشۇشتا تاشقى زەخمىلىنىشتىن قان ئېقىش كېلىپ چىقسا، چوقۇم ئۆزىنى قوغداش كېرەك. يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزغاندا، زەخمىلەنگەن تېرىنىڭ يارىلانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

8) نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ۋاكسىنىسى بولمىغانلىقتىن، ساغلاملىق تەربىيەسى ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ قالدى. ئەيدىز كېسىلى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ناچار قىلمىشلارنى تۈزەش بولسا ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

9) دوختۇرغا كۆرۈنگەندە چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش تارماقلىرىنى تاللاپ، ئىلمىي تەكشۈرتۈش كېرەك. 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg