ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەيدىز بولۇپ قالغان ھىندىستانلىق ئەر كېسىلىنى 300 ئايالغا يۇقتۇردى
ۋاقتى : 2017-10-09 23:38:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز بولۇپ قالغان ھىندىستانلىق ئەر كېسىلىنى 300 ئايالغا يۇقتۇردى

3c46d8426fcf17ec4f025d.jpg

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىسستاننىڭ تېلېنگانا ئىشتاتىدىكى (Telangana) بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى، «ئويۇن-تاماشا ۋاقتىغا قېنىۋېلىش»نىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈزۈپ، ئۆز تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرغان.
«ئەنگلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى كەچتە ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان 31 ياشلىق جامېس (Joseph James)نىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇ تېخى بىر قېتىم نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان، ئەمما تۇتۇلۇپ قالغان. ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن 125 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 24 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن، ئۇ بۇ زاڭ ماللارنى دوستىدىن ئۆيىدىن ئوغرىلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
ساقچى تەرەپ ئەسلىدە بۇ ئىشنى نوقۇل ھالدىكى ئوغرىلىق ۋەقەسى دەپ قارىغان، ئەمما جامېس تۇتۇلغاندىن كېيىن 8 ئاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانماي، پاھىشىخانىدا قەستەن 300 ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يەنە تېخى كەسپىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش جەريانىدا ئېرى بار ئاياللارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، 8 ئايدىن بۇيان ھەركۈنى ئوخشاش بولمىغان ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
بۇنداق قەبھ قىلمىش ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ جىنايەتچى 3 قېتىم توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنتلىك بولمىغان، ئالدىنقى ئىككى ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن، ئۈچىنچى ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان. ساقچى تەرەپ رازۋېدكا قىلىپ سوراق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
مەنبە : ifeng.com

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg