ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
‹‹مەن ماڭغان يولدا ماڭماڭلار››
ۋاقتى : 2017-10-09 23:28:02  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان قاسىم (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ) ئائىلىدىكى ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيەسى، ئەتىۋارلاپ بېقىشى بىلەن بۇ ئۈچ ئوغۇل ساغلام چوڭ بولدى، قاسىممۇ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە كىردى. لېكىن، ئائىلىدە ئەركە ئۆگىنىپ قالغان قاسىم مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بىلىپ – بىلمەي مەكتەپتىن قاچىدىغان، ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتمايدىغان بولۇۋالدى. نەتىجىدە ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىغا چىققاندا مەكتەپتىن توختاپ قالدى، ئاتا – ئانىسى ھەر قانچە تەربىيە قىلسىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى. 1993 – يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن قاسىم جەمئىيەتتىن تۇتۇۋالغان بىر تەڭ قۇرام ئاغىنىسى ۋە يېڭىدىن تونۇشۇپ قالغان ئاكا ئاغىنىسى بىلەن ئۆيىدىكىلىرىگە تۇيدۇرماستىن ئىچكىرى ئۆلكىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ ئاكا ئاغىنىسى بۇ ئىككى بالىنىڭ بارلىق خىراجىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئېلىپ ماڭدى.

ogri.jpg

ئەزەلدىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان قاسىم ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە بارغىنىدا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ‹‹بەختلىك›› كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇ بۇ سەپەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان تۇنجى قەدەم بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھېلىقى ئاكا ئاغىنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئەسلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالىدىغان ئادەم بېدىكى ئىدى. ئۇ خوجايىن بالىلارنى ئەكىلىش جەريانىدا خەجلىگەن بارلىق خىراجىتىنى قەرز ھېسابلاپ، ئۇلارنى ئوغرىلىققا سالاتتى. قاسىم بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاش 20 گە يېقىن قىز – ئوغۇلنىڭ ئۇنىڭ قول ئاستىدا ‹‹ئىشلەيدىغانلىقى››نى كۆرۈپ، ئىسسىق ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى. كۈندە ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇنىمىسا تاياق – توقماقتىن قۇتۇلالماسلىق، ئاچ – توق يۈرۈدىغان ئېغىر كۈنلەر ئۇنىڭ كۆز يېشىنى قۇرۇتتى. ئۇ بىر قانچە قېتىم قېچىپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، خوجايىننىڭ تەھدىتى ئۇنى بەكلا قورقۇتۇۋەتكەن ئىدى. بۇ ئېغىر كۈنلەر داۋاملىشىپ ئالتە يېرىم ئاي بولغاندا، تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ئوغلىنىڭ تۇرار جايىدىن خەۋەر تاپقان قاسىمنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلدى ۋە ئۇنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. قاسىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئاتا – ئانىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن مەلۇم ئورۇندىن خىزمەت تېپىپ ئىشلىدى. بۇ يەردە بىر يىلدەك خىزمەت قىلغان قاسىمنىڭ يەنە كونا خۇيى قوزغىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاغىنىلىرىنىڭ ‹‹نەنجىڭدا پۇل تاپماق بەك ئاسان ئىكەن››، دېگەن سۆزىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى ۋە 1995 – يىلى بىر قانچە ئاغىنىسى بىلەن بىللە نەنجىڭ شەھىرىگە ماڭدى. بۇ قېتىم بۇ يولنى ئۇ ئۆزى تاللىغان ئىدى. نەنجىڭغا بارغاندىن كېيىن، قاسىم كونا ‹‹كەسپى›› بولغان ئوغرىلىقنى قايتىدىن باشلىۋالدى.

ogrii.jpg


ئوغرىلىق قىلىش قاسىمنى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار قىلدى. ئۇ ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان چاغلىرىدا باشقىلاردىن ئېغىر تاياق يېدى، ساقچىخانىغا كىرىپ يېتىپ چىقتى. قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان قاسىم ‹‹ئۈرۈمچىگە مۇشۇنداقلا كېتىپ قالسام، باشقىلار مېنى قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ، دەپ مازاق قىلسا سەت ئەمەسمۇ››، دەپ ئويلاپ، ئوغرىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر ئاخشىمى ‹‹كەسىپداش››لار ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى. شۇ ئارىدا ئۇلاردىن بىرى يانچۇقىدىن ئازراق خروئىننى چىقىرىپ: ‹‹ئاغىنىلەر، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تازا جاپا تارتتۇق. بۇ نەرسە ئادەمنى بەك پەيزى قىلىپ قويىدۇ، ئازراق چېكىپ بېقىڭلار، ھاردۇقىڭلار چىقىدۇ››، دەپ ئوتتۇرىغا تاشلىدى. قاسىم بۇنىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ يەنىلا تېتىپ بېقىشنى ئويلىدى – دە، بىر نەچچىنى تارتىپلا ئۆزىنى ئاسماندا ئۇچقاندەك ھېس قىلدى، ئەمما ئۇ شۇ ‹‹ئۇچقان›› پېتى ھەرگىزمۇ ئۆز جايىغا چۈشەلمەي قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى، قاسىم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ‹‹ئاق ئالۋاستى››نىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى... بىر يىلدىن كېيىن قاسىم ئۆيىدىكىلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ خروئىنغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 1996 – يىلى ئۇنى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ باردى. قاسىم بۇ يەردە بىر ئاي يېتىپ چىققان بولسىمۇ يەنىلا بۇ نىجىستىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى. خروئىننى چېكىشتىن بارا – بارا ئۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا يۈزلەندى. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، ئورتاق شپىرىس ئىشلىتىش جەريانىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس ئۇنىڭ تېنىدىن ئورۇن ئالدى. 2007 – يىلى ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئۇ تولىمۇ كېچىككەن ئىدى.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg