نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تور بازىرى  »  ساغلاملىق بويۇملىرى
كۆپ كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلار
تەۋسىيىلىك مەھسۇلاتلار
مال زاكاس قىلىش تېلېفۇنى : 2886161- 0991مەھسۇلات ئۇچۇرى
ئەيبو ئەيدىز تەكشۈرۈش ياپراقچىسى

ئەيبو ئەيدىز تەكشۈرۈش ياپراقچىسى

  • مەھسۇلات تەرتىپ نۇمۇرى: 0000001
  • مەھسۇلات تۈرى : ساغلاملىق بويۇملىرى
  • مەھسۇلات ماركىسى : ئەيبو
  • بازار باھاسى: ¥380.00
  • بىزدىكى باھا : ¥360.00
  • ئامباردىكى سانى : 1000
  • مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى
  • مال زاكاس قىلىش چۈشەندۈرۈلىشى
  • مەخپىيەتلىك ساقلاش
ئەيبو ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرگۈچىسى ئىشلىتىش قوللانمىسى بىرىنچى باسقۇچ: قولنى پاكىز يۇيۇش داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپرت ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق قولنى پاكىز يۇيۇش. ئىككىنچى باسقۇچ: تەكشۈرگۈچنى قاپتىن چىقىرىش ئورام قاپنىڭ ئىچىدىن ئەيبو ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرگۈچنى ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇش. ھەرقايسى رايوننىڭ چۈشەندۈرۈلىشى: ئەۋرىشكە رايونى: قان تامچىسىنى ئەۋرىشكە رايونىغا كىرگۈزىمىز. سېلىشتۇرما رايونى: سۈپەت سىزىقى كۆرۈلىدىغان ئورۇن. ئۆلچەش رايونى: مۇسبىيلىق سىزىقى (T1 T2 ئىنكاس سىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)كۆرۈلىدىغان ئورۇن. (رەسىم 2) ـــ (T1 T2 بولسا سىزىقى ئىنكاس سىزىقى) ئۈچىنچى باسقۇچ: ئەۋرىشكە ئېلىش ئىسپرىتلانغان پاختا بىلەن بارماق ئۇچىنى دېزىنفىكسىيىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئەۋرىشكە يىڭنىسىنىڭ يۇمىلاق قاپقىقىنى بۇراپ ئېلىپ، يىڭنە ئارقىلىق دېزىنفىكسىيىلەنگەن بارماق ئۇچىنى تېشىپ، يېنىك سىقىش ئارقىلىق قان چىقىرىمىز. ئەۋرىشكە ئېلىش ئالدىدا قاننىڭ ئايلىنىشقا پايدىسى بولۇش ئۈچۈن بارماقنى يېتەرلىك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك؛ ئادەتتە سول قولنىڭ نامسىز بارمىقىدىن قان ئېلىنىدۇ؛ دىققەت، ئۆز ئارا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر تال ئەۋرىشكە يىڭنىسىنى پەقەت بىرلا ئادەم ئىشلىتىش كېرەك. تۆتىنچى باسقۇچ: ئەۋرىشكە ئېلىش بارماق ئۇچىدىن 2 تامچە (بەك ئاز بولۇپ قالسا بولمايدۇ) قاننى تەكشۈرگۈچنىڭ ئەۋرىشكە رايونى S كە تېمىتىمىز (رەسىم 4). دىققەت: قاننىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قان كىرگۈزۈش ھەركىتى تېز بولۇشى كېرەك. بەشىنچى باسقۇچ: سۇيۇقلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقىنى قويۇش قان كىرگۈزۈلۈپ 2 سېكۇنتتىن كېيىن، قاننىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇيۇقلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقىدىن بىر تېمىم قويىمىز. قان ئەۋرىشكىسى بىلەن سۇيۇقلۇق بىرىككەندىن كېيىن دىففوزىيە ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ئاستا-ئاستا كۆزىتىش رايونىغا قاراپ ئاقىدۇ. ئادەتتە 5 مىنۇتتىن كېيىن ئارىلاشما سۇيۇقلۇق تەكشۈرۈش رايونىغا كىرىپ بولىدۇ (يەنى ئۆلچەش رايونى بىلەن سېلىشتۇرما رايونى ). ئالتىنچى باسقۇچ: تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىش قىزىل سىزىقنىڭ كۆرۈلۈشىنى كۈتۈش (رەسىم 6) مۇسبەت (ئىككى قىزىل سىزىق): مۇسبىيلىق سىزىقى (ئىنكاس سىزىقى) بىلەن سۈپەت سىزىقى قىزىل رەڭگە ئۆزگەرسە ــ مۇسبەت بولىدۇ. مەنپىي (بىر تال قىزىل سىزىق): سۈپەت سىزىقىدىلا بىرتال قىزىل سىزىق كۆرۈلسە مەنپىي بولىدۇ. قىزىل سىزىق كۆرۈلمەسلىك: ئەگەر 30 مىنۇتقىچە يەنىلا ھېچقانداق قىزىل سىزىق كۆرۈلمىسە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولىدۇ. دىققەت: تەكشۈرۈگۈچكە ئەۋرىشكە كىرگۈزگەندىن كېيىن، 15 مىنۇتتىن كېيىن نەتىجىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، 30 مىنۇتتىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجە ئىناۋەتسىز. 1. مۇسبەت: ئىككى ياكى ئۈچ تال سىزىق كۆرۈلسە، مۇسبەت ئالامەتكە باراۋەر بولىدۇ. 2. مەنپىي: پەقەتلا بىر تال سۈپەت سىزىقى كۆرۈلسە، نەتىجىسى مەنپىي بولىدۇ. 3. مۇسبەت ــ يۇقۇملانغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەنپىي ــ يۇقۇملانمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. 4. ئىناۋەتسىز: ئەگەر قىزىل سىزىق كۆرۈلمىسە ياكى پەقەت ئىنكاس سىزىقى كۆرۈلسە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، قايتىدىن ئۆلچەش كېرەك.
تاپشۇرۇۋالغۇچى بانكا كارتا نۇمۇرى بانكا
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地