ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى : 2018-01-25 12:31:28  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

«ئەمەلىيەتتە پەقەت قانۇنىيەتلىك، ۋاقتى ۋاقتىدا دورا يېيىسە، نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.» شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا لو ياڭنى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كۆرگەندە، بەزى گۇمانلار تۇغۇلدى، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئوچۇق-يورۇق ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ۋە ئەيدىز بىمارىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىيالمىدىم .

  گەرچە ئۆزى بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان، يەنە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، لېكىن لو ياڭ يەنىلا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىمىنى ئومۇملاشتۇرغان. يېقىنقى مەزگىلدە، شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، لو ياڭ ۋە قاماقتىكى باشقا كىشىلەر  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ناخشىسى توقۇپ، «كۆزنەك مەزگىلى»، «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىرگە كۆڭۈل بۆلۈش سياسىتى» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى، ئالدىنى ئېلىش چارىسىنى ناخشا تېكىستى قىلىپ، ناخشىسى قىلىپ ئېيتىپ، بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

  گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك تارماقلىرى ئەيدىز كېسەللىكىگە قارىتا ئىلمىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تەرەپلىمە كۆز قارىشى ھەم قورقۇشى، «ئەيدىز» تىلغا ئېلىنسىلا باشقىچە ئويغا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ يەنىلا كەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. چۈنكى جەمئىيەت قوبۇل قىلمايدۇ، نۇرغۇن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار دائىم ۋەھىمە ۋە ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىدۇ. لېكىن يەنە بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار تىركىشىپ، كەيپىياتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئەيدىز تەشۋىقاتى پىدائىيسى بولۇشنى تاللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى يوقىتىدۇ.

يەتتە يىل پىدائىي بولغان.

  «ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، پىدائىي بولۇشقا باشلىدىم، پىدائىي بولغىلى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كىرىشتىن بۇرۇن، مەن بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، ۋە تەشكىلاتلاردىكى باشقا پىدائىيلار بىلەن بىللە ئەيدىز كېسەللىكى تەشۋىقات قوللانمىسى، بىخەتەرلىك قالپىقى تارقاتتىم، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدىم.» دېدى لو ياڭ راستچىللىق بىلەن.

لو ياڭ بۇ يىل 40 ياشقا كىرەي دېگەن بولۇپ، بويى ئېگىز ئەمەس، تېرىسى ئاپئاق، گەپ–سۆزلىرى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. 20 يىل بۇرۇن، ئۇ «ئەيدىز» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

  «ئاتا-ئانام ئىزچىل مېنىڭ بالدۇرراق توي قىلىپ بالىلىق بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتى.» دېدى لو ياڭ خىيالغا پېتىپ. ئۆيدىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بېسىمى ئاستىدا، ئۇ بالدۇرلا توي قىلغان، تويدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى بالىسى ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان، ئۆزى خوتۇنى بىلەن ئۇششاق سودا قىلغان، كۈنلىرى گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ شۇنداق مەنىلىك ئۆتكەن.

  ئەمما، تۇرمۇش لو ياڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزلىگەن يۆلىنىشگە قاراپ تەرەققىي قىلمىغان، كېيىنرەك، لو ياڭ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلار ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەملەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئىنتېرنېتنىڭ ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، لو ياڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق دوستلار بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توردا ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىزدىگەن.

  «ھېچقانداق مۇداپىئەلىنىش يوق ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئىنتايىن خەتەرلىك» دېدى لو ياڭ راستچىللىق بىلەن. ئۆزىنىڭ توردىن بەزى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقىنى، دائىم بەزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئەيدىزنى تونۇش ئېڭى ناھايىتى ئېنىق، يەنە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ خەتەرلىك قىلمىشقا تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ ئوغۇل دوستىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھېچقانداق مۇداپىئە قوللانمىغان.

  گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لو ياڭ يەنىلا قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، كېسەللكنى مۇداپىئە- كونترول قىلىش تارماقلىرىغا بېرىپ HIV تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بارغان. «2007-يىلىدا ئاساسەن ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتتۈم، 2014-يىلىدىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈتتۈم، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولدى» دېدى لو ياڭ.

  بۇنداق تەلەي ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشمىغان، 2016-يىلى 8-ئايدا، لو ياڭ يۇيۇنىۋاتقان چاغدا بەدىنىدە قىچىشىدىغان قىزىل رەڭلىك كىچىك مونەكلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دەرھال  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە بېرىپ HIV تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىم، ئۇ بەختكە قارشى ساق قالماي قالغان.

  «گەرچە بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئالغان چېغىمدا يۈرىكىم ئاغرىدى.» گەرچە ئەيدىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقالمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن لو ياڭ يەنىلا قەستەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئارىلىق ساقلىغان. ئادەتتە قورۇما قورۇشنى ياخشى كۆرىدىغان لوياڭ، ئەمدى ئۆيدىكىلەرگە قورۇما قورۇپ بەرمىگەن، ھەم ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يېمىگەن، ئۆزىنىڭ قاچا-قۇچا ۋە ئىستاكانىنىمۇ بەك يىراققا قويۇپ قويغان. ئۆيىگە تۇغقانلىرى كەلسىمۇ، لو ياڭ يەنە قەستەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، تۇغقانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلانغان. سودا بىلەنمۇ كارى بولمىغان .

  بىر ھەپتە سولاشقاندىن كېيىن، لو ياڭ ئۆزىنىڭ ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئايالىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتقان، ھەمدە ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشتە چىڭ تۇرغان. «ھېلىمۇ ياخشى مەن ئۇنىڭغا كېسىلىمنى يۇقتۇرۇپ قويماپتىمەن، مەن ئۇنى يەنە نابۇت قىلسام بولمايدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆزىنىڭ سودىسىنى توختىتىپ، بىر مەزگىل ياخشى ئارام ئېلىشنى قارار قىلغان.

  «ئارام ئالغان مەزگىللەردە، مەن بەزى ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىمنى، ئالدىراش ئۆتۈشۈم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇندىلا  يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلمەيدىكەنمەن». شۇنىڭ بىلەن، لو ياڭ يەنە قايتىدىن بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتناشقان.

  تەشكىلات ئىچىدە، لو ياڭ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ۋە ئەر ئوخشاش جىنىسلىق سالاھىيىتىنى يۇشۇرمىغان، بۇنداق سالاھىيىتىمۇ كەمسىتىشكە ئۇچرىمىغان. ئۇ تەشكىلاتتىكى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە مۇنچىغا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى تارقىتىپ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرغان. «باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگىمۇ ئۇچرىدىم، باشقىلارنىڭ تىل ھاقارىتىنىمۇ ئاڭلىدىم. بەزىلەر بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنى بەك غەلىتىدەك ھېس قىلىدىكەن، بەزىلەر  يۇقۇملىنىپ بولغان بولغاچقا، بىزنىڭ ئشلىرىمىزنى چەتكە قاقتى» دېدى لو ياڭ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، لو ياڭ بىر قىسىم بىمارلارغا ياردەم قىلغان. ئۇنىڭ تونۇشلىرى ئىچىدىكى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ياش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، دورا يېگىلى ئۇنىمىغان، بۇ چاغدا لو ياڭ دەرھال ئۇنى ئىزدەپ تاپقان. «سەن تېخى ياش، ماڭىدىغان يولۇڭ تېخى ئۇزۇن، ۋاقتىدا، قانۇنىيەتلىك دورا يېگەندە قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىغىلى بولىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېماڭنى  قوغدايدۇ ۋە باشقا مۇھىم ئەزاغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلايدۇ.» قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ ياش ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلىگەن.

  كېيىن، لو ياڭ زەھەر ئېلىپ–ساتقانلىقى سەۋەبىدىن شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولانغان. «كىرگەن ۋاقىتتا، بەك ئەندىشە قىلغان، بەك روھىم چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. قاماقتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشى، يەكلىشىدىن قورققان ئىدىم. » دەيدۇ لو ياڭ، «بىراق كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ھەر ئايدا دېگۈدەك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بىزنى ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت قىسقا فىلىم كۆرۈشكە تەشكىللىدى. ئىچىدىكى كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدىغانلىقىنمۇ بىلەتتى. چۈنكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن، ساقچىلار بىزگە ياخشى كۆڭۈل بۆلەتتى، دورا يىيىش، تۇرمۇشىمىزمۇ بەك تەرتىپلىك ئىدى، يەنە قەرەللىك ھالدا بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرەتتى.»

  بۇلتۇردىن باشلاپ، شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىمى قىلىپ، قاماقتىكى خادىملارنىڭ  ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ۋە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلغاش، تەشۋىقات ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك قوللاش ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن. ھەمدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كۈندىلىك قاماققا ئېلىش، باشقۇرۇش تەربىيىسى قاتارلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەر ئايدا شەھەر دەرىجىلىك ياكى رايون دەرىجىلىك كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، يۇقۇملىنىش يولى، ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرگۈزگەن .

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى تۇتۇپ تۇرۇلغان خادىملاردىن مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان خادىملارنى تاللاپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىكەن. شۇنىڭ بىلەن، شىشەن رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، لو ياڭ  داۋاملىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات پىدائىيلار خىزمىتى قىلغان.

  مۇشۇ مەزگىلدە، لو ياڭ قانۇنىيىەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا قارىتا كۆز قاراشلىرى پەيدا بولغان. بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىنى تىلغا ئېلىپ، لو ياڭ مۇنداق دەيدۇ : مەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، چوقۇم قايتىدىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، داۋاملىق ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، يەنە داۋاملىق پىدائىي بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ۋاقتىدا كېسەللىكنى داۋالاپ كونترول قىلغاندا نورمال ئادەمگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىمەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg