ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
2017-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى باكتېرىيەگە قارشى داۋالاشقا نازارەت قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ۋاقتى : 2017-08-22 15:12:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئەيدىزدىن ئۇنىۋېرىسال مۇداپىئەلىنىش سانلىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش قوللانمىسى»، «دۆلەتنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاش قوللانمىسى» دىكى خىزمەت ئۆلچىمى ۋە ۋەزىپە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خادىملىرىنى باشلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاش نۇقتىسىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قەغەز شەكلىدىكى كېسەللىك ئارخىپىغا قارىتا تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە ئەھۋالنى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلغان.
بۇ قېتىملىق نازارەت قىلىش خىزمىتى پۈتۈن شەھەردىكى 10 ئەيدىزنى باكتېرىيەگە قارشى داۋالاش نۇقتىسىنى قاپلىدى. 2016-يىلى 7-ئايدا دۆلەتلىك باكتېرىيەگە قارشى داۋالاش ئۇچۇر تورى تېرمىنالى ئېتىۋېتىلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى داۋالاش نۇقتىلىرى تەلەپكە ئاساسەن داۋاملىق يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان CD4 تەكشۈرۈشى ۋە ۋىرۇس توشۇش مىقدارىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈگەن، ھەمدە بىمارغا دورا تارقىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تىزىملاپ، داۋالاشتىن كېيىنكى يوقلاش ۋە كېسەللىك تارىخىنى تىزىملاش خىزمەتلىرى رەتلىك خاتىرىلەنگەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن، ھەرقايسى داۋالاش نۇقتىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى