ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئۈرۈمچى شەھىرى 2017-يىللىق ئەيدىز خىزمەت يىغىنى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى ئويۇشتۇرۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەمەلىيلەشتۈردى
ۋاقتى : 2017-08-21 13:10:31  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بېكىتىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ۋە مەخسۇس تۈر خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەرتىپكە سېلىپ، ساغلام، ئۈنۈملۈك تارماقلارنىڭ ھەرقايسىسى مەسئۇل خىزمەت مېخانىزىمىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، ئەيدىزنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت كومىتېت ئىشخانىسى 2017-يىلى 9-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت يىغىنى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان. شەھەرلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتېتى ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىلاشقۇچىلىرى، ھەرقايسى زەھەر تاشلاش دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئامبولاتورېيەسى ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 90 دىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى، شەھەرلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ شيەنجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن شەھەرلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى خۇلاسىلاپ، 2017-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ 2016-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئەزا ئورۇنلىرى خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.
2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى ئەيدىز مەخسۇس مەبلىغىدىن 489 مىڭ يۈەننى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەلەپكەن، ھەمدە ئىقتىسادىي جەمئىيەت ئىناق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، بىز دۆلەتنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» ھەرىكىتىنى بېكىتىدىغان ئۈچ دانە %90 لىك نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئەمەلىي ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە يېڭى باسقۇچ شارائىتى يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە ياراتقان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى