ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
خۇبېي ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئەيدىز پىيادە مېڭىش سەپىرىگە ھەممىمىز تەڭ قاتنىشايلى» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى : 2017-08-10 15:07:23  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    يېقىندا، خۇبېي پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بىلەن خۇبېي پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەسەن-ھۈسەن پاراۋانلىق جەمئىيتى بىلەن بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان «ئەيدىز پىيادە مېڭىش سەپىرىگە ھەممىمىز تەڭ قاتنىشايلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شيەننىڭ شەھىرىدە باشلاندى. 

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پائالىيەت ئىستۇدېنت پىدائىيلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پاراۋانلىق پائالىيتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئىدىيەسىنى تازىلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى تەشۋىق قىلىندى.
باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇكېدىن كەلگەن 400 نەپەر پىدائىي شيەننىڭ شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى توغرىسىدىكى قوللانمىنى تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ، ئەيدىزنىڭ زىيىنىدىن يىراق تۇرۇش كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. 
جەمئىيەتنىڭ ئەيدىزنى توغرا چۈشىنىپ، كەمسىتىشنى تۈگەتكەندىلا ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە غەلبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.   
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى