ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
چايخانىدا ئەيدىز پاراڭلىرى
ۋاقتى : 2016-11-19 18:22:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

چايخانىدا ئەيدىز پاراڭلىرى

 

چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراڭلىرىنى قىلسا، بۇ پاراڭلار خۇددى ئىچكەن چايدەك سېڭىپ كېتىدۇ. دېمىسىمۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراڭلىرىنى قىلىدىغان سورۇنلارنى كۆپەيتىشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، يۇرتىمىزدا كۈنىگە ئوندىن ئارتۇق، ئېيىغا تۆت-بەش يۈز، يىلىغا بەش-ئالتە مىڭدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەيدا بولىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، يۇرتىمىزدا ئەيدىزدىن جەمئىي يۇقۇملانغانلار ئەللىك مىڭغا يېقىن سانغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئەنە شۇنداق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراڭلىرىنى ھەر خىل سورۇنلاردا قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئەنە شۇنداق سورۇنلاردا ئەيدىز پاراڭلىرىنى قىلغۇچىلار ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ ساغلاملىق ئۈچۈن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش پۇزىتسىيەسىگە كەلگۈچىلەردۇر. ئۇلار چاي ئىچكەچ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراڭلىرىنى قىلىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بەردى، ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.
چاينى ھەممە يەردە ئىچكىلى بولىدۇ، شۇڭا، چاي ئىچكەچ ھەممە يەردە "قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيايلى" دېگەن، 2016-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ شۇئارىنى ئىسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پارىڭىنى قىلىشايلى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقانلار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روھى بېسىمىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلەر، قان-قېرىنداشلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىگە ئاتلانغان ھالدا چايخانىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاراڭ-سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى.

 


2016-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن زۆھرە تۇردى، شىنجاڭ تىببى ئۈنۋېرىستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتئېلى ئۇبۇل قاتارلىق رەھبەر-مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ "چايخانا پاراڭلىرى" پىرۇگىراممىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى مەخسۇس سانىنى سۈرەتكە ئېلىش سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، رايۇنىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. داڭلىق سەنئەتكەر ئادىل مىجىت رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ قېتىمقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنىدىكى تۇرنجى قېتىملىق "چايخانا پاراڭلىرى" ئەھمىيەتلىك سۇئال-جاۋاپلار، قىزىقارلىق يۇمۇر-چاخچاقلار ۋە تەسىرلىك نەسىر-ناخشىلار مول مەزمۇنلۇق ئېلىپ بېرىلدى.