ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرىغا ئەيدىزدىن لېكسىيە سۆزلەندى
ۋاقتى : 2016-07-22 12:55:08  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرىغا ئەيدىزدىن لېكسىيە سۆزلەندى

 

 

 

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دېمكۇراتىك باشقۇرۇش تەشكىلى مەسئۇللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلىدى.

 

 

 


لېكسىيە 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كىيىن، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىشچىلار ئويۇشمىسى كادىرلار مەكتىپىدە يېرىم كۈن ئېلىپ بېرىلدى. لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار پۈتۈن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى- دىنى ئىشلار ئىدارىسى ساھەسىنىڭ ئاساسەن ئاساسى قاتلىمىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان 68 كۇرسانت ئۇيغۇر تىلى بويىچە، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، رايۇنلار ھەم مىللەتلەر ئارا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى، ئاساسى يۇقۇش يوللىرى، قانداق ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى مەزمۇنىدا، ئىدىيە، مەدەنىيەت، تەپەككۇر، تەرەققىيات نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى جانلىق سۆزلەندى. زەھەر چېكىدىغانلار بىلەن قالايمىقان جىنسى ئالاقىگە ئامراقلارنىڭ ھەمرالىرىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم گاندۇم ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. لېكسىيە ئاخىرىدا ھەر خىل سۇئاللار سورۇلۇپ قايىل قىلارلىق جاۋاپلار بېرىلدى. كۇرسانتلار بۇنداق ئەمەلىي سۆزلەنگەن لېكسىيەگە قىزغىن چاۋاكلارنى ياڭراتتى.

 

 

 


يەنە ھەر بىر كۇرسانتقا بىر پارچىدىن ا "ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە ۋەز-تەبلىغلەردىن تاللانما" دېگەن كىتابچە بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى جەھەتتە مەخسۇس بەت ئىشلەنگەن "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" تارقىتىپ بېرىلدى.