ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئەيدىز ئېلانىغا رەددىيە
ۋاقتى : 2016-07-16 15:03:34  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئەيدىز ئېلانىغا رەددىيە

پىسخىك مەسلىھەتچى دەپ تۇنۇلىۋاتقان ئەلى قۇرباننىڭ يۇقىرى بەدەن سۈرىتى ئىككى خىل ھالەتتە ناھايىتى ئېنىق كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان، "ئەڭ نادىر پىسخىك بىلىملىرى ئەلى مۇئەللىم سالۇنىدا"، "ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق سالۇنلارنىڭ بىرى" دېگەن ئالماشما خەت ھالەتتىكى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشلىرىمۇ مانا مەن دەپ كۆزگە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان، "Muellim Ali " نامىدىكى ئۈندىدار سالۇنىدا 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى "ئەيدىز بىمارلىرىغىمۇ غەمخورلۇق كېرەك" ماۋزۇسىدا بىر مەھسۇلاتنى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېزدىن ئالاقىلىشىپ سېتىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئېلانى بىرىلىپتۇ.
ئەلى مۇئەللىمنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلانغان پىسخىك مەسلىھەتچىلىكتىن ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ۋىروسقا قارشى دورا يىيىش ساھەسىگە خۇددى " مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشكەندەك" قىستىلىپ كىرگىنىگە ھەيران قالدۇق! ئەسلىدە ئەلى مۇئەللىمگە نامى چىقىشقا باشلىغان پىسخىك مەسلىھەتچىلىك ساھەسىدە نان تېپىپ يىيىش بەك ماس كېلەتتى. ئەلى مۇئەللىممۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغان "قوينى قاسساپ سويسۇن" دېگەن قائىدىگە رىئايە قىلسا بولاتتى. ئەپسۇس، ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆز نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈندىدار سالۇنىدا تۇترۇقسىز ئېلان بىرىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى ئوڭدا قويماقچى بولغانلىقى كاللىسى ئۆتكۈر بولسىمۇ يانچۇقى تويماس ئاچكۆزلىكىنى ئاشكارىلاپ قۇيۇپتۇ. ئالدى بىلەن ئەلى مۇئەللىم ئۈندىدار سالۇنىدىكى ئېلاننىڭ ئۆز ئەينى كېسىپ كۆچۈرۈلگەن مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى.
 

 

 

 


ئەلى مۇئەللىم ئۈندىدار سالۇنىدا مۇشۇنداق ئېلان-داۋراڭ بەرگىنىدىن، ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دۆلەت-ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز ھالدا قانداق دورا-داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ساھەگە ئېلان بىرىشكە سەھنە ھازىرلاپ بىرىش ئەلى مۇئەللىمنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە بىلىمسىزلىكى ھېساپلىنىدۇ.
ئەيدىز ئادەتتىكى كېسەللىك ئەمەس. بايقىلىپ دىئاگنۇزى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا ئوتتۇز نەچچە مىليون ئادەم ئەيدىز كېسىلى سەۋەپلىك ئۆلۈپ بولدى. ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنيادا يەنە ئوتتۇز نەچچە مىليون ئادەم ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە ئەيدىز كېسىلى ھالىتىدە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق تېخى دۇنيادا داۋاسى چىقمىغان، ئادەمدىن ئادەمگە يۇشۇرۇن يۇقىدىغان، يۇقۇملانغان ئادەم بەدىنىدە يۇشۇرۇن ساقلىنىدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسەلنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۈندىدار سالۇنىدا تارقىتىلغان قايسى شىركەتنىڭ قەيەردە ساتىدىغانلىقى نامەلۇم ھالەتتىكى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مەھسۇلات ئېلانى ئارقىلىق شىپا تاپقۇزماقچى بولغانلىقى مەھسۇلاتنىڭ رولى جەھەتتىكى كۆپتۈرمىچىلىكتىن باشقا غەرەز ئەمەستۇر.
ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاقسىلمۇ، ۋىتامىن س مۇ، سامساقمۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ يۇقىرى كۆتىرىدۇ. شۇنداقلا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ھەر خىل سەۋەپتىن چۈشۈپ كېتىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيدىغانلا مەھسۇلات ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ دىيىش ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ساۋاتسىزلىق ھېساپلىنىدۇ. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئادەم بەدىنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپلا، تۈركىيەدىن كىركۈزۈلگەن مەھسۇلات بۇ دەپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن گاڭگىراپ-تەمتىرەپ يۈرگەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان ئېلان-داۋراڭ تارقىتىش، ئەيدىز كېسىلى سەۋەپلىك روھى بېسىم، ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچراش غېمىدە قانداق قەيەردە داۋالىنىشنى بىكىتەلمەي يۈرگەنلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان "توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان" يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر.
ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تېخى تەل-تۆكۈس ساقايتالماي كېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئاردىكى داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بىر ئۆمۈر ۋىروسقا قارشى دورا يىيىشتۇر. شۇڭا، ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەيدىغان سىياسەتنى يولغا قويغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ھەم تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا بېقىپ ھەقسىز تەمىنلەيدىغان ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىنى تەڭشەپ بىرىدىغان دوختۇرخانىلىرىنىڭ مەخسۇس بۆلۈم ۋە دوختۇرلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىغا سېستىمىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ۋە مۇلازىمەت يولغا قۇيۇلغان نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ئەلى مۇئەللىم ئۈندىدار سالۇنىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەيدۇ دەيدىغان ئاتالمىش مەھسۇلات سېتىش ئېلانىنى تارقىتىشى "تولۇمدىن توقماق چىققاندەك" ھالەتتە ئەلى مۇئەللىمنىڭ خاس ئۈندىدار سالۇنىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە ئىدىيەسىنىڭ ئۆز يۈنۈلۈشىدىن قېيىپ كېتىشىدۇر. دېمىسىمۇ، ئەلى مۇئەللىم ھەر خىل تاراتقۇلاردا ئۆزىگە خاس كۈچلۈك تەپەككۇرىنى نامايەن قىلىپ، ئۆز كەسپى ساھەسىدە بىلىملىك كىشى ھېسابىدا تونۇلىۋاتقان ئىدى. شۇڭا، بۇنداق بىلىمسىزلەرچە ئۈندىدارچىلىق قىلمىسىمۇ بولاتتى. ئەسلىدە ھەرقايسى ئۈندىدارلار ئۆزلىرى چۈشەنگەن، بىلگەن ئۇچۇر-ئېلانلارنى تارقىتىشى كېرەك ئىدى.
بۇ مەھسۇلات توغرىلىق باشقا سالۇنلاردىمۇ ئېلان-داۋراڭلار ئۇچۇپ يۈرگەن بولۇپ، تۆۋەندە كېسىپ كۆچۈرۈلگەن قىسمى يوللاندى.

 

 

 

 

مانا مۇشۇنداق بىردەم يەمەنلىك تىببى مۇتەخەسسىس زىندانى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان، بىردەم تۈركىيەنىڭ دورا شىركىتى ياساپ چىققان دەپ، يۇرتىمىزدىكى ئەيدىز ساۋاتسىزلىقىغا دۇچار بولغان كىشىلەرنى "بالا كەلسە قېرىنداشتىن" دېگەندەك ئالداپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا ئەمدى يول قۇيۇلمايدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىغا ھەقىقى غەمخورلۇق قىلىش ھەقسىز دورا تەمىنلەش ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
چۈنكى، ئەيدىز خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. چاپلاشتىمۇ بەدەندىن يۇقالمايدۇ. ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىگە يۇقتۇرۇپ قۇيۇش خەتىرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنداقلا، گۇناھسىز يۇقۇملانغانلار بىلەن داۋالىنىش ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلارنى باشقىلارغا ۋە جەمىيەتكە قەستەنلىك دۈشمەنلىك قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
قىسقىسى، دۆلەتنىڭ ھەم ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەيدۇ دېگەن تەستىق ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەن مەھسۇلاتلار ئارقىلىق، مانا مۇشۇنداق ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەيمىز دېگەن تاتلىق گەپكە يۇشۇرۇنغان يامان نىيەتلەرگە يول قۇيۇلمايدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا-مەھسۇلاتلارنى خالىغانچە سېتىشقا بولمايدۇ.