ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
5 يىلدىن بۇيان پاھىشەلىك قىلىۋاتقان ئەيدىز ئايال تۇتۇلدى
ۋاقتى : 2018-02-15 16:20:54  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

يېقىندا، ليۇجۇ شەھىرى ليۇجياڭ ج خ تارماق ئىدارىسى جىندې ساقچىخانىسىدىكىلەر تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق بىر جىنسىي كېسەل تارقىتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق بىر ئايالنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇردى.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى جىندې ساقچىخانىسىدىكىلەر بىر پاھىشىلىك-پاھىشىۋازلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرگەندە ئاخۇا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك ئايالنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمايدىغانلىقى، بىراق، جىنسىي كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. دەسلەپتە بۇ ئايال كېسىلى بارلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىنى تەكشۈرتتى ھەمدە ئىلگىرىكى دېلو ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخۇاغا 2012-يىلىلا ئەيدىز دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

ئىسپاتلار تولۇق بولغاندىن كېيىن ساقچىلار ئاخۇانى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلدى، ئاخۇامۇ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا كۆپ قېتىم پاھىشەلىك قىلغانلىقىدەك جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى. ئاخۇانىڭ قىلمىشى جىنسىي كېسەللەرنى تارقىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ليۇجياڭ ساقچىلىرى ئۇنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇردى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg