ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
دۆلىتىمىزدىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن
ۋاقتى : 2016-10-04 18:08:03  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : گۈزەلنۇر

دۆلىتىمىزدىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن
 

يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،يېقىنقى يىللاردا ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن.كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبىي ئوغۇل بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق بولغان. ھازىر ئالي مەكتەبلەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېغىر رايونى بۇلۇپ قالدى،مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تېزدىن ئېلىپ بېرىش لازىم.
نۆۋەتتە، نەنچاڭ شەھەرلىك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا مەلۇم بولىشىچە، ئۆتكەنكى بەش يىل جەريانىدا،نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسپىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %43 ئۆرلىگەن. %80 دىن ئاشقان يېڭى قوشۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار ئەر ھەمجنىسلار بولغان. دوكلاتتىكى تەكشۈرۈلگەن 37 ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە، پەقەت137 ئادەم يۇقۇملانغان،7 ئادەم ئۆلگەن.
ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغان» ئادەم ئىچىدە %80 ھەمجىنىس دوسلار ئىكەن
دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش يەنىلا ئاساسلىق يۇقۇش يولى ھېسابلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوغۇل بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسپىتى%81.6 ئىگىلىگەن.بىرنەچچە ئۆلكىىنى مىسالغا ئالغاندا،گۇاڭدۇڭ 2002-2015 يىل ئىچىدە، ئومومىي يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار 630 بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەرھەمجىنىسلار يۇقۇملىنىش نىسپىتى%70 نى ئىگىلىگەن. جياڭشى نەنچاڭ 2011-2015 يىل ئىچىدە، ئەرھەمجىنىسلار يۇقۇملىنىش نىسپىتى%81.61 نى ئىگىلىگەن. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 2007-2015 يىلغىچە ئومومىي يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار 536 بۇلۇپ،ئاساسلىقى ئوغۇللار بۇلۇپ يۇقۇملىنىش نىسپىتى%90 تىن ئارتۇقنى ئىگىلىگەن.
بۇنىڭغا نىسپەتەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە:بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى،ئەر ھەمجىنىس يۇقۇملانغۇچىلار نىسپىتىنىڭ تېزلىك بىلەن ئۆرلىشىنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بۇلۇپ، بىرىنچى،ياش ئۆسمۇرلەر دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەيدىز كېسىلىگە ئېتىبار بەرمەسلىك،بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانماسلىق . ئىككىنچى،ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ،ئەر ھەمجىنىسلىق قىلمىشىغا قارىتا يېڭىلىق تۇيغۇسى مەۋجۈت،شۇنىڭ بىلەن سىناپ باققىسى كېلىدۇ،بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپتىن خەۋەرسز ۋە بىلىپ يىتەلمەيدۇ.