ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ب د ت نىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى سىياسى خىتاپنامىسى
ۋاقتى : 2016-07-22 16:27:15  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيۇ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ب د ت 2030-يىللىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى سىياسىي خىتابنامىنى ماقۇللىدى

 

ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى سىياسىي خىتابنامىنى ماقۇللاپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 2020- يىلغا بارغاندا بىر يۈرۈش كونكرېت نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2030- يىلغا بارغاندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا خاتىمە بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

خىتابنامىدا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر 2020- يىللىق كونكرېت نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەر شارىدا ھەر يىلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن ئازايتىپ، ھەر يىلى ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار سەۋەبلەر بىلەن قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن ئازايتىش، ھەمدە ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار ھاقارەت نامى ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى يوقىتىش كېرەك. 2020- يىلغا بارغاندا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 3 مىليون كىشىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بان كېمون يىغىندا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل يەر شارىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش ۋەزىيتىنى توسۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بىراق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تېخى ئاخىرلاشمىدى. ئۇ، پۈتكۈل يەر شارىدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، ئەزا دۆلەتلەر، ئەل ئارا تەشكىلاتلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ئۇسۇلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە مۇلازىمەت قىلغاندا ھەر قانداق كىشىنى كەمسىتمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.