ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
2016-يىللىق ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى
ۋاقتى : 2016-03-29 16:54:56  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : سەدەف

2016-يىللىق ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى

IMG_20160324_103434_470.jpg


2016-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەنۋىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە،2016-يىللىق ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتىنىڭ 51 ئەزا ئورگانلىرى يىغىنغا قاتناشتى.


改图1.jpg

يىغىندا ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيەۋە پىلانلىق تۇغۇت مەھكىمىسىنىڭ «ئون ئىككىجى بەش يىل »لىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاپتونۇم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ئەھۋالى،ۋە كېيىنكى قەدەم خىزمەت تەكلىپى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونۇم رايونلۇقئاياللار بىرلەشمىسى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات مائارىپ مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا چوڭ يىغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش نۇتۇقى سۆزلىدى؛ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى 14ۋىلايەت ( ئوبلاست ،شەھەر) خەلق ھۆكۈمىتى(مەمۇرىي مەھكىمە) بىلەن «2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ۋەزىپە مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىدى.
 

改图2.jpg

مۇئاۋىن رەئىس تيەنۋىن: «ئون ئىككىچى بەش يىل »لىق پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تەدبىرىنى ئاڭتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تارماقلار ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەرىكەت مىخانىزىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى تەشۋىقات تەربىيەسى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 2015-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىسى ۋە «ئون ئىككنچى بەش يىل »لىق پىلاننىڭ ئاخىرقى نىشانىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى. ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا ئېرىشتى، كېسەللىك ئۆلۈش نىسپىتى بەلگىلىك نىسپەتتە تۆۋەنلىدى، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدىكى نەتىجىلەر گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتېتى شۇنداقلا ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى؛ بىراق ئاپتونۇم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھەم مۇرەككەپ ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ھېلىھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇزاققىچە جاپاغا چىداپ ئىشلەش كېرەك »دەپ كۆرسەتمە بەردى.

改图4.jpg

مۇئاۋىن رەئىس تيەنۋىن يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« ھەرقايسى ئورۇن،ھەر قايسى تارماقلار ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۇنۇشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ، جىددىيلىكىنى،مۈشلۈللىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپ، مۇستەھكەم دېققەت ئېڭى ۋە ئومومىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتتۇيغۇسى، بۇرچ تۇرغۇسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرتوپى ۋە ھالقىلىق باسقۇچتىكى ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ،بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلىتىمىز ئەيدىزنى چەكلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى «ئون ئۈچۈنچى بەش يىل »لىق پىلاندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان 3تۈرلۈك%90 نىشانى(دىئاگنۇز قۇيۇلۇپ بايقالغان ھەمدە ئۆلچەملىك داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يوقلاشنى قۇبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كېسەللەرنىڭ نىسپىتى%90 كە يىتىشى،داۋالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كېسەللەرنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قۇبۇل قىلىش نىسپىتى%90 تىن يۇقۇرى بولىشى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە كېسەللەرنىڭ داۋالىنىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلۇش نىسپىتى%90 تىن يۇقۇرى بولىشى) ۋە «2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ۋەزىپە مەسئۇلىيەتنامىسى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى زىچ مەركەز قىلىپ، ھەر قايسى رايونلاردىكى كېسەللىك يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۈچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرتوپىنى تېپىپ چىقىپ، نۇقتىلىق خىزمەتنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ھەرىكەت لاھىيەسى ۋە مۇداپىئەلىنىش دەدبىرلىرىنى بىكىتىپ، ئەستايىدىل ھالدا ھەر قايسى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىلەشتۈرۈلىشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. يەنىمۇ ئىگىرلىگەن ئاساستا « ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىش، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش» تەك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپە ئىنىق بۇلۇش، ئىش تەقسىماتى ئوچۇق بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى، 3تۈرلۈك%90 نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كونكېرت سىتراتېگىيىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، دۆلىتىمىز يىرىك پىلانىنى (قاتتىق ۋەزىپىسىنى) تاماملىنىشى ئاساسىدا، مۇشۇ يىل ئىچىدە تىرىشىپ« ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنى چەكلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى «ئون ئۈچۈنچى بەش يىل »لىق پىلان» نى بىكىتىپ تاماملاپ،«ئون ئۈچۈنچى بەش يىل »لىق پىلان مەزگىلىدە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىزامى»غا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم.»