ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ساختا دوختۇرنىڭ 212 ئادەمنى ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرىشى
ۋاقتى : 2015-01-12 08:13:15  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

ساختا دوختۇر 212 ئادەمنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندۇردى

 

   كامبۇدژا  سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 10-يانۋار مۇنداق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى: كامبۇدژانىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى باتدامباڭ ئۆلكىسىنىڭ لوكا يېزىسىدا 212 ئادەم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندى. شۇ جايدىكى ساقچىلار بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئادەمنى تۇتتى. ئۇ دوختۇرلۇق كىنىشكىسى يوق ئەھۋالدا نۇرغۇن ئادەمگە شىپىرىسنى قايات-كايتا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.