ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئون چولپان
ۋاقتى : 2015-04-15 10:24:43  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز كېسىلى (HIV)  بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان 10 داڭلىق چولپان
   
 

1.        فرېدى مېركۇرى (FreddieMercury). (1991-1946) 
مېركۇرى ئەنگلىيە خانىش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىچىسى، ROCK مۇزىكىسى تارىخىدىكى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە شەخسنىڭ بىرى بولۇپ، «20-ئەسىردىكى 10 داڭلىق ناخشىچى» قاتارىغا كىرگەن. 1991-يىلى 22-نويابر، مېركۇرى ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ھاياتىدىن ئايرىلغان، مېركۇرىنىڭ تارتقان كېسەل ئازابى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېين بۇ گۈزەل مىلودىيەلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئارىمىزدىن يوقىدى. 1992-يىللىق بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى «بارسېلونا» ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.  

 

2.        ئانتونى پېركنىس (Anthony Perkins). (1992-1932)
ئانتونى پېركنىس ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا تاراتقۇلار ئېيتقانىدى (بىر ژورنال ئۇنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى قانۇنسىز ھالدا قولغا چۈشۈرۈۋالغان). ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە «نېرۋا كېسەل بىمارى» نىڭ رولىنى ئالغان، ھەم زىيادە سەزگۈر، ئاجىز ۋە ياكى قورقۇنچلۇق ئوبرازلارنى ياراتقان. پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان ئۇ گەنىس كىنو شاھى، تۇرمۇشتىمۇ فىلىمدىكى ئوبرازغا ئوخشاش نۇرغۇن ئازابلارنى تارتقان، ھەم 20 يىل ئۇدا روھىي كېسەللىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. ئىلگىرى «شەرق تېز ترانسپورتى قاتىللىق دېلوسى»، «قورقۇنچلۇق خاتېرىلەر» فىلىمىدە باش رول ئالغان، 1992-يىلى ئەيدىز كېسىلىدىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. 

 

3.        تونى رىچاردسون (TonyRichardson). (1991-1928)  
ئەنگىلىيەنىڭ شىپلېيدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنگلىيە كىنوچىلىقىدىكى داڭلىق رېژىسسور، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، مەكتەپتىكى چاغلىرىدا كومىدىيە كوللىكتىپىنىڭ رەئىسى بولغان. 1953-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيە رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلاردا فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسورلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن تەۋرەنمەس ئوپېرا ئۆمىكىگە كىرىپ، بىر يىلغا بارمايلا يېتەكچى رەھبەر بولغان. 1956-يىلى، لوندوندىكى خان جەمەتى ئوردا تىياتىرخانىسىدا J. ئوسبېننىڭ ئەسىرى «ئاچچىق ئەسلىمە» نى ئورۇنلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ قېتىملىق تىياتىر رىچارد بىلەن ئوسبېننىڭ ھەمكارلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.  1958-ئوسبېن بىلەن بىرگە ھەمكارلىشىپ ۋۇدفور كىنو شىركېتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر يىل ئۆتۈپلا ياشلارنىڭ ئازابى ۋە تىركىشىشى تەسۋىرلەنگەن تەسىرلىك فىلىم «ئايالنىڭ ھەسرىتى» نى ئىشلەپ چىقتى. 1961-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «ھەسەلنىڭ تەمى »، 1963-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «توم ھانىس» فىلىملىرى ئوسكار ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى، ھەم ئەڭ ياخشى رېژىسسور ئالتۇن مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. 1991-يىلى 14-نويابر ئەيدىز كېسلى بىلەن لوندوندا ئالەمدىن ئۆتكەن.  

 

4. روك ھادسون (Rock Hudson).  (1925-1985) 
روك ھادسوننىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن بەلگىلەر بار، ئېكراندىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە، چۈشتىكى ئاشىق»، ئېسىل زادىنىڭ ۋەكىللىك ئۈلگىسى، مۇھەببەت فىلىملىرىدىكى ئەڭ ياخشى باش پېرسۇناژ. بۇ بەلگىلەر ئۇنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازىنىڭ تولىمۇ مۇكەممەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ، بىراق رېئال تۇرمۇشتا ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر ھەمجىنىس. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئۆزىنى ئاشكارىلىغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ھوللىۋۇد كىنو چولپىنى ھېسابلىنىدۇ. ھادسون ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇزاق يىللىق ئوغۇل لايىقى مارك كرىستيان، ھادسوننىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۆزى بىلەن ھېچقانداق بىخەتەرلىك قوغدىنىشى قىلماي مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى پەش قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنىدۇ، مارك كرىستياننى تەكشۈرگەندىن كېيىن HIV مەنفى چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەڭ ئاخىرىدا، كالفورنىيە زاسېداتېللار ئۆمىكى ھادسوننى جاۋابكار دەپ ئەيىپلەپ، مارك كرىستيانغا 14 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەردى (بۇ مىراستىن تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، قالغان قىسمىنى ھادسوننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، كۆپ قىسمىنى ئەيدىز پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلغان).   

 

5.پائول جابارا (PaulJabara). (1948-1992) 
پائول جابارا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مۇزىكانتى ۋە كىنو ئارتىسى، «تەڭرىگە رەھمەت، بۇ دېگەن جۈمە» كىنو فىلىمىگە ئىشلىگەن «ئەڭ ئاخىرقى ئۇسسۇل» ناملىق ئەسىرى 1978-يىلى 51-قېتىملىق ئوسكار ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

 

6. دېرىك جارمەن (DerekJar-man). (1942-1994) 
داڭلىق ھەمجىنىس تالانتلىق رېژىسسور، ئىلگىرى «كاراۋاجيو» ۋە «ۋىتگېنىستېن»  فىلىملىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان. دېرىك جارمەننىڭ كىنو ئىجادىيىتى ئازابلىق بىر ھاياتلىق سەپىرىدىن باشلىنىپ، ئاخىرىنى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ، ھەمجىنىس رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قويۇق ئۇسلۇبىدىكى فىلىملەرنى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلتۈردى. ئەيدىزدىن كېلىپ چىققان كۆپلىگەن ئەگەشمە كېسەللەر ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى ئەما قىلىپ قويغان. 

 

7. نېستور ئالمەندروس (NéstorAlmendros). (1930-1992) 
فرانسىيە يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن دەۋردىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى، ئىلگىرى رېژىسسور ترۇفات بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مېترو» فىلىمىنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن. 

 

8. لىئونارد فرېي (LeonardFrey). (1938-1988) 
ئىلگىرى «تاتتۇ»، «ھاماقەت ھەربىي مەكتىپى» ۋە برودۋېي مۇزىكىلىق دراممىسى «ئۆگزىدىكى ئىسكىرىپكىچى» قاتارلىق كىنو-دراممىلاردا رول ئالغان. 

 

9. نومى كلاۋس (KlausNo). (1944-1983) 
كلاسسىك داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، تۇنجى بولۇپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان كلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدىكى سەنئەتكار. 

 

10. سىيرىل كوللورد (CyrilCollard). (1944-1983)
فرانسىيەلىك يازغۇچى، ئاكتيور، قوشۇمچە رېژىسسور، ئۆزى رول ئېلىپ  رېژىسسورلۇق قىلغان ئوخشاش جىنىسلىكلەر مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن كىنو فىلىمى «ياۋايى ھايۋانلار كېچىسى»، ئۆزىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم دېيىشكە بولىدۇ. «ياۋايى ھايۋانلار كېچىسى» 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى گەننىس خەلقئارا كىنو كۆرىكى «رېژىسسور قوش ھەپتىلىكى» تىزىملىكىگە كىرگەن مەشھۇر ئەسەردەپ باھالانغان. فىلىمنىڭ رېئال بولغان ۋەقەلىكى  كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ. كوللورد ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن 1993-يىلى ۋاپات بولغان.