ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توي ئىشلىرى زادى نېمە دەيدۇ؟
ۋاقتى : 2020-01-12 00:08:01  مەنبەسى : تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توي ئىشلىرى زادى نېمە دەيدۇ؟   

 

   كۆپلىگەن HIV بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر گۈزەل مۇھەببەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، توي دېگەن سۆزگە ھەر خىل ئەندىشە ۋە تەشۋىش ئەگىشىپ كېلىدۇ.

بەزى كىشىلەر HIV بىمارلىرىنىڭ توي قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، پەقەت بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتسىلا چاتاق چىقمايدۇ، دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار.
ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە يېقىنچىلىق قىلغاندا، قايسى خىل ھەرىكەتنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن كېسەل يۇقتۇرۇپ، قارشى تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭا بۈگۈن بىز مۇشۇ ھەقتە توختىلىمىز.
قانۇن جەھەتتىن توي قىلسا بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىك شارائىتنى قاندۇرۇشى كېرەك.
ئالدى بىلەن قانۇن قاتلىمىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توي ئىشلىرى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى» ۋە «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ قانۇن-نىزامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىغا چېتىلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توي ئىشلىرى قانۇنى»نىڭ 7-ماددىسىدا توي قىلىش مەنئى قىلىنغان ئەھۋاللار «تېببىي پەندە توي قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ قارالغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛

10-ماددا توينى كۈچكە ئىگە قىلمايدىغان ئەھۋال «توي قىلىشتىن ئىلگىرى تېببىي پەندە توي قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەس دەپ قارالغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تېخى ساقايمىغانلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى»نىڭ 9-ماددىسىدا: «توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان، يۇقۇملىنىش مەزگىلدە ياكى ئالاقىدار روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا دوختۇرلار تېببىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ توي قىلماقچى بولغان ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ توي قىلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.

38-ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئەيدىز، سۆزنەك، سىفلىس، ماخاۋ شۇنىڭدەك تېببىي پەندە توي قىلىشقا ۋە تۇغۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارالغان باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

«ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»نىڭ 3-ماددىسىدا: «ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بەھرىمەن بولىدىغان توي، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
38-ماددىسىدا، HIV بىمارلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى «يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل بولۇش پاكىتىنى جىنسىي ھەمرىيىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ «زۆرۈر مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش». ۋە «ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن تارقاتسا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

شۇڭا، يۇقىرىقى قانۇن-نىزاملاردىن قارىغاندا، HIV بىمارلىرىنىڭ توي قىلىشى قەتئىي چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەلگىلىك ئالدىنقى شەرتكە ئىگە.

يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق ئۈچ نۇقتا بار:

1. HIV بىمارلىرى توي قىلىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كۆپىيىش باسقۇچىدا، يەنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش باسقۇچىدا تۇرغان بولۇشى ھەمدە داۋالىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان بولۇشى كېرەك؛
2. HIV بىمارلىرى تويغا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى يۇقۇملانغان پاكىتنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، قارشى تەرەپ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ قوشۇلغان ئەھۋالدا تويغا تىزىملىسا بولىدۇ؛
3. HIV بىمارلىرى جورىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە تۈرلۈك مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، جورىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بۇ بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندىلا، يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، يەنە كۆپىلىگەن HIV بىمارلىرى تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە شۇكى:
توي قىلىش سەۋەبلىك كېسەلنى جورىسىغا يۇقتۇرۇپ قويامدۇ؟
يۇقىرىقى بىرىنچى نۇقتىغا ئوخشاش، HIV بىمارلىرى چوقۇم ۋىرۇسنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كۆپىيىش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك، بۇنداق ئەھۋالدا، ئەتراپ قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى نۆل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپكە يۇقۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن نۆلگە يېقىنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ:

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى HIV ۋىرۇسىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى كونترول قىلالايدۇ، قېلىپلاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، بىمار ئۇزاق مۇددەتكىچە ۋىرۇسنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالالايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئۆزىدىكى ۋىرۇس مىقدارى تۆۋەن ھالەتتىمۇ، جىنسىي ھەرىكەت يۈز بەرگەندە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا جىنسىي ھەرىكەت ئارقىلىق تارقىلىشىمۇ نۆلگە يېقىنلىشىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەيلى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچسۇن-ئىچمىسۇن، HIV بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدە HIV ۋىرۇسى بار، پەرقى مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە باغلىق، شۇڭا يەنىلا قاناش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، قان بۇلغىنىشىنىڭ يېقىن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

پەقەت يۇقىرىقى شەرتلەرگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، HIV بىمارى يەنىلا مۇكەممەل، بەختلىك توي تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: