ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ياشاشقا بولامدۇ؟
ۋاقتى : 2018-09-14 12:57:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن چوقۇم جۆرىسىگە ئېيتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ياشاشقا بولامدۇ؟
2006-يىلى ئېلان قىلىنغان « گوۋۇيۈەننىڭ بويرۇقى بويىچە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋلاش نىزامى » نىڭ «38-ماددىسى» دىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسلى بىمارلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
1.كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى ياكى چىگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنى پىريوم-كارانتىن قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئېپدىمىئولۇگىيەلىك تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىكنى قۇبۇل قىلىش.
2.يۇقۇملانغانلىقى ياكى كېسەل بولغانلىقىنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ھەمرىيىغا ۋاقتىدا ئېيتىش.
3. كېسەل كۆرسەتكەندە، يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل قوزغىلىش ئەھۋالىنى كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرغا ئەينەن ئېيتىش.
4. زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇڭا جورىسى بولسا چوقۇم ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

107.jpg

HIV جىنسي ئۇچرىشىش، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىللە ئۆتۈش ئادەتتە ئەيدىز كېسلىنى تارقىتالمايدۇ. مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، سىلاش، قائىدە-يوسۇن خارەكتىلىك سۈيۈشۈش، بىرلىكتە غىزالىنىش، قاچا-قۇچىنى ئورتاق ئىشلىتىش، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، مەسىلەن: ھاجەتخانا، تېلفون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى HIV نى يۇقتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تامامەن بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىردىنبىر دېققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تېرىسىدىكى يارا ئېغىزىدىن چىققان قاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېرىسىگە ياكى يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇندىن باشقا HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق قوبۇل قىلىپ، يۇقۇملىنىشتىن ئۈنۈملۈك قوغدىنىش كېرەك.

يارپ تورى تەھىرى

yyyyyyyyy.jpg